ساغلاملىق

ھامىلىدار بولۇش ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن

ھامىلىدار بولۇش ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن

ئاۋىسترالىيە پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھامىلىدار بولۇش ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ھامىلىدار بولغان قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، بۇ خىل راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن، ھەتتا ئارىلىقتا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا بەلگىلىك دەرىجىدە قوغداش ئۈنۈمى بولىدىكەن.

ئاۋىسترالىيە بېرگوف تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى «خەلقئارا راك كېسەللىكى ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېقىنقى سانىدىكى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۇلار يەر شارى بويىچە 30 تۈرلۈك ئالاقىدار تەتقىقاتتا ئېرىشكەن ھامىلىدارلىق سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغان، ئانالىز ئوبيېكتى 17 مىڭغا يېقىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولغان ئايال ۋە 40 مىڭغا يېقىن ئەزەلدىن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ باقمىغان ئايال ئىكەن.

بۇ تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلغان پىروفېسسور پېننىي لوپ فېببې مۇنداق دېدى: ئىسىتاتسىتىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەلگىلىك ھامىلىدار بولۇش قېتىم سانى ئىچىدە، ھامىلىدار بولغان ۋاقتى ھەر قېتىم بىر ئايغا توشقاندا، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تەخمىنەن %15 تۆۋەنلەيدۇ؛ ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ بۇ خىل راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %7 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ؛ قوشكېزەك ياكى كۆپكېزەككە ھامىلىدار بولسا، بۇ خىل خەۋپ نورمىدىن سىرت تۆۋەنلىمەيدۇ.

فېببې مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا مەلۇم بولغان قوغداش ئۈنۈمى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھالقىلىق ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، بۇ خىل راك كېسىلىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى