ساغلاملىق

بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى

 

بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى

نۆل ياشتىن بىر ئايلىققىچە

بوۋاق ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ھەم تەرەققىياتى، پىسخىكىسى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى بوۋاق تۇغۇلغان ھامان، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشى ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك!

 

بەدەن يېتىلىش ئۆلچىمى

بەدەن ئېغىرلىقى: 2500-4000 گىرام، ئوغۇللار قىزلاردىن سەل ئېغىر بولىدۇ.

ئىگىزلىكى: 47-53 سانتىمېتىرگىچە. ئوغۇللار قىزلاردىن سەل ئىگىز بولىدۇ.

باش ئايلانمىسى: ئوغۇللارنىڭ 34-40 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ تەخمىنەن 34.01 سانتىمېتىر ئەتراپىدا.

كۆكرەك ئايلانمىسى: ئوغۇللارنىڭ 32.65 سانتىمېتىر، قىزلارنىڭ تەخمىنەن 32.57 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئولتۇرغاندىكى ئىگىزلىكى: (چوققىسىدىن كاسىغىچە) تەخمىنەن 33 سانتىمېتىر

نەپەسلىنىشى: مىنۇتىغا 40تىن 60 قېتىمغىچە.

يۈرەك سوقۇشى: مىنۇتىغا 140 قېتىم ئەتراپىدا.

 

ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئۆلچىمى

 

چوڭ تەرەت

ئادەتتە بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 12 سائەتتىن كېيىن چوڭ تەرىتى كېلىدۇ. ھامىلە تەرىتى قېنىق يېشىل، قارا يېشىل ياكى قارا رەڭدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، بۇ ھامىلە ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىدا باش سۈيىدىكى تۆرەلمە تۈكلىرى، تۆرەلمە مېيى ھەم ئۈچەي يوللىرى ئاجرالمىلىرىنى قوبۇل قىلىۋالغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە ئۈچ-تۆت كۈندە تازلىنىپ بولىدۇ. سۈت ئېمىشكە باشلىغاندىن كېيىن تەرەتنىڭ رەڭگىمۇ بارا-بارا سېرىققا ئۆزگىرىدۇ. كالا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارنىڭ بولسا سۇس سېرىق ياكى توپا رەڭ بولىدۇ. ھەمدە پات-پات قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بىراق ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بالىلارنىڭ تەرىتى كۆپىنچە ھاللاردا ئالتۇن سېرىق رەڭدە، ئۇماچسمان بولىدۇ. قېتىم سانى، ئاز-كۆپلىكى ئوخشىمايدۇ. كۈنىگە ئۈچ-تۆت قېتىم ياكى بەش-ئالتە قېتىم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق كېلىشى مۇمكىن. بەزى بوۋاقلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈندە ياكى تۆت-بەش كۈندە بىر قېتىم تەرەت قىلىدۇ، بىراق شۇنداقتىمۇ تەرىتى يۇمشاق ياكى ئۇماچسىمان كېلىدۇ. تەرەت قىلغۇچە كۈچەپ يۈزلىرى قىزىرىپ، قىينىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلۈپ تۇردىغان ئەھۋال بولۇپ، «چۆچۈك» دېيىلىدۇ.

 

كىچىك تەرەت

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجى كۈندىكى سۈيدۈكىنىڭ مىقدارى 10-30 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. تۇغۇلۇپ 36 سائەت ئىچىدە سىيىش نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئېمىتىش، ئۇسسۇلۇق ئىچكۈزۈشلەردىن كېيىن بوۋاقنىڭ سۈيدۈك مىقدارى تەدرىجى كۆپىيىپ، كۈنىگە ئون قېتىمدىن ئېشىپ ھەر كۈنلۈك مىقدارى 100 مىللىلىتىردىن 300 مىللىلىتىرغىچە بولىدۇ. ئېيىغا توشقاندىن كېيىن، 250-450 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ كۆپ سىيىشى نورمال ئەھۋال، ئۇنى جىق سىيدى دەپ ئۇسسۇلىقىنى كېمەيتىۋەتسەك بولمايدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى، ئۇسسۇلۇقنى ئاز بەرسەك، ئۆي ئىچى ئىسسىق بولسا، بوۋاقتا سۇسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ، ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بوۋاقلارغا ئۇسسۇلۇق بەرمىسەكمۇ بولىدۇ.

 

بەدەن تېمپىراتۇرىسى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 36-37 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. بىراق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاساسىي نېرۋا ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئاسان تۇراقلاشمايدۇ، سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرە ئاستى ماي قاتلىمى بىر قەدەر نېپىز بولۇپ تەن يۈزى ھەجىمى بىلەن بولغان نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئاسان ئىسسىقلىق ساقلىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىمىز. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى 18دىن 22 گىرادۇسقىچە بولىشى كېرەك، ناۋادا ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ كەتسە قاتتىق قاپلىق سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىۋالىدۇ.

 

ئۇيقۇ

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۈنىگە تەخمىنەن 20 سائەت ئەتىراپىدا ئۇخلىشى كېرەك! تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئۇخلاش رىتىمى يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كېچىسى ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق كېرەك! ئېمىتىش ئارلىقىنى باشتا ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە، ئاندىن تەدرىجى ھالدا تۆت سائەتتىن بەش سائەتكىچە ئۇزارتىپ، ئامال بار بوۋاقنى كېچىدە كۆپرەك، كۈندۈزى ئازراق ئۇخلايدىغان قىلىپ، چوڭلارنىڭ تۇرمۇش رىتىمىغا چۈشۈرىۋالىمىز.

 

ئىقتىدار تەرەققىي قىلىش ئۆلچىمى

 

ئاڭلاش سېزىمى

ئويغاق ۋاقتىدا: 10-15 سانتىمېتىر ئەتراپتىكى ئاۋازلاردىن، خۇددى دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتقاندەك پۇت-قوللىرىنىڭ ھەرىكىتى تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ. بوۋاق ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ئامراق، ھەدىدىن زىيادە ياڭراق ھەم شاۋقۇنلۇق ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ناۋادا ھەددىدىن زىيادە ياڭراق ھەم شاۋقۇنلۇق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالسا، تەتۈر قارىۋىلىپ ھەتتا يىغلاش ئارقىلىق بۇ خىل دەخىلگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. بوۋاق ئويغاق بولسىلا، ئۆيدىكىلەر ھەر قانداق يەردە ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ بېرىشى، يېقىملىق ئاۋازدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشى، ھەم يەنە ئۇنىڭغا يېقىملىق لەرزان مۇزىكېلەرنى قويۇپ بېرىشى، تەۋرەنسە يېقىشلىق ئاۋازلارنى چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئوينىتىشى كېرەك!

 

تېگىشىش سېزىمى

بوۋاق ھاياتلىقىنىڭ باشلىنىشىدا تېگىشىش سېزىمىغا ئىگە بولىدۇ. بالىياتقۇدا ئورىلىپ تۇرۇشقا كۆنۈپ قالغان بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئىللىق قۇچاققا چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بوۋاقنى قولغا ئالغاندا ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە مەھكەم چاپلىشىشپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

بوۋاق يىغلىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇنى ئەڭ ياخشىسى كۆتۈرىۋېلىشى، شۇنداقلا ئۇنى ئاستا پەپىلىشى كېرەك. بۇ جەريان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تېگىشىش سېزىمى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرا، نەملىك، جىسىملار ھەم ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ھېس قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. دېمەكچى ئۇلاردا ئىسسىق سوغۇق، ئاغرىقلارغا نىسبەتەن سېزىم بولىدۇ، يۇمشاق جىسىملار بىلەن تېگىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاغزى بىلەن قولى تېگىشىش سېزىمىگە ئەڭ سەزگۈر ئەزالىرىدۇر.

 

كۆرۈش سېزىمى

بوۋاقلار تۇغۇلغاندىلا كۆرۈش سېزىمى بار بولغان بولىدۇ، كۆزۈتۈش جەريانى بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىدۇ. ئىنسانىيەت %85 بىلىمگە كۆرۈش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆپ قىسىم ۋاقتىدا ئۇخلايدۇ، ئىككى ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئويغىنىدۇ. بوۋاق كۆزىنى ئاچقان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى كۆرسىتىپ باقسا بولىدۇ، چۈنكى بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئارلىقىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، ئەڭ ياخشى بولغان ئارلىق 19 سانتىمېتىردۇر. ھەم يەنە 20 سانتىمېتىر يىراقلىققا قىزىل رەڭلىك دۈگلەك شەكىللىك ئويۇنچۇقتىن بىرەرنى قويۇپ قويۇپ، بوۋاقنىڭ دىققىتىنى تارتىش كېرەك، ئاندىن ئويۇنچۇقنى يۇقىرى تۆۋەن، ئوڭ-سولغا قىلساق، بوۋاق بېشى ھەم كۆزى بارا-بارا ئويۇنچۇققا ئەگىشىپ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

 

پىسخىكىسى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن، سۈت ئېمىش ئېھتىياجىدىن باشقا ئانىسىدىن ئارتۇق مۇھىم ئېھتىياج يوق. ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى ئانىسىنىڭ مېھرىبان ئاۋازى بىلەن كۈلۈمسىرىگەن چىرايى، ئانا بوۋىقىنى يېنىك پەپىلىگەن ۋاقتىدا ئۇ ئانىسىغا قارايدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئانىسىنىڭ ئاۋازىغا كۆنۈپ كەتكىنىدىن بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنى كۆتۈرگەندە بەدەنلىرىنى سىلاپ ئىللىق سۆزلەپ بەرگەندە، ئۇ خۇددى ئىنتايىن بەك چۈشۈنۈپ كەتكەندەك ئانىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. بوۋاق قانچە بالدۇر «كۈلۈش»نى ئۆگەنسە شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى