ساغلاملىق

بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كىندىك چۇقۇقنىڭ سەۋەبى نېمە؟

كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان چۇقۇق كىندىك چۇقۇقى (脐疝) ۋە يىرىق چۇقۇقى (腹股沟疝) بولۇپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى %5 ئەتراپىدا بولىدۇ.

چۇقۇقنىڭ (疝气) تېببىي چۈشەندۈرۈشى مۇنداق: چۇقۇق، يەنى ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم ئەزا ياكى توقۇلمىلار ئۇنىڭ نورمال ئاناتومىيىلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ، تۇغما ياكى كېيىن شەكىللەنگەن ئاجىز نوقتا، كەمتۈك ياكى كاۋاك ئارقىلىق يەنە بىر ئورۇنغا كىرىپ كېتىدىغان ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.

بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كىندىك چۇقۇقنىڭ سەۋەبى نېمە؟

كىندىك چۇقۇقى (脐疝): كىندىكنىڭ ئورنى، قورساق دىۋارىنىڭ ئەڭ كېچىكىپ يېپىلىدىغان ئورنى، شۇنداقلا ئەڭ ئاجىز ئورۇن ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ كىندىك چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى قورساق مۇسكۇللىرى تېخى تۇتۇشقا ئۈلگۈرمەي، كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ، بۇ تېببىي ئىلىمدا «كىندىك ھالقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بوۋاق بالىلاردا بەك كۆپ يىغلاش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار قورساق ئىچكى بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسە، قورساق بوشلۇقىدىكى بىر قىسىم ئەزالار، ئادەتتە كۆپىنچە ئىنچىكە ئۈچەي بولۇپ، قورساق پەردىسى، قورساق دىۋارى تېرىسى بىلەن بىللە كىندىك قىسمىدىن تەدرىجىي سىرتقا قاراپ چىقىپ، كىندىك چۇقۇقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كىندىك چۇقۇقنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كىندىك يېتىلىگەن ئورۇندىكى تۆشۈك يېپىلىپ بولماي تۇرۇپلا، تۇيۇقسىز كۈچىگەندە ئىنچىكە ئۈچەي تۆشۈككە كىرىپ، تېرە ئاستىغا چىقىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

كىندىك چۇقۇقىنى ئادەتتە داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ، تومپىيىپ چىققان يېرى يۇمشاق بولسىلا، كۈندىلىك پەرۋىشتە قۇرغاق تۇتۇپ يۇقۇملىنىپ قالمىسىلا بولىدۇ، بالىغا كىندىك چۇقۇقى تاسمىسى ئىشلىتىش ياكى تەڭگە پۇل بىلەن كىندىكنى بېسىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بۇنداق قىلغاندا چۇقۇقتىن چىققان ئۈچەينى بېسىۋېلىشى، تېرىنى زەخىملەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بار، بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئىككى ياش ئىچىدە ئۆزى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئەڭ بالدۇر بولغاندا ئىككى-ئۈچ ئايدىلا ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما بەزىلەرنىڭ بەش ياشقا كىرگەندە ئاندىن ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەگەر بەش ياشقا كىرگەندىمۇ ياخشى بولمىسا، دوختۇر ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

ئەگەر بالىنىڭ كىندىك چۇقۇقى ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئىششىپ، يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق كۆرۈلسە، ھەتتا بالىدا قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى