ساغلاملىق

بوۋاق ئۇخلاۋاتقاندا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ

پەرزەنت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مېھرىنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە. شۇڭا ھەممەيلەن ئۆز پەرزەنتىگە غەمخورلۇق قىلىشنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارىشى كېرەك، بولۇپمۇ بوۋاق ئۇخلاۋاتقاندا چوڭلار بەكرەك دىققەت قىلىشى لازىم. چۈنكى بوۋاق ئۇخلاۋاتقان چاغدا مۇقىمسىز بولغان بەزىبىر خەتەرلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بىزنىڭ ھەرۋاقىت ھوشيار تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كۆرۈپ چىقايلى!

بوۋاق ئۇخلاۋاتقاندا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ

بوۋاق ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىكى بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ

1.بېسىلىش، چېقىلىش

ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇش ھەم بوۋىقىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋالىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ بۇ ئويۇنچۇق «دوست»لىرىنى جايلاشتۇرغان ئورنى مۇۋاپىق بولماي قالسا، ئۇخلاۋاتقان بوۋاققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، كارىۋات بېشىغا قويۇلۇپ قالغان بولسا، بۇ ئويۇنچۇقلار ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئۇخلاۋاتقان بوۋاققا زەخمەت يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە ئۆزلىرى كۆپ ئىشىلتىدىغان، ئاسان چېقىلىدىغان، سۇنىدىغان نەرسىلىرىنى قالايمىقان قويماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، سۇ ئىچىدىغان ئىستاكان قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بالىغا يېقىن جايغا قويماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇمۇ بالىغا نىسبەتەن بىر خىل يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئامىلدۇر.

بوۋاق ئۇخلاۋاتقاندا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ

بوۋاق كىچىك ۋاقتىدا كۆپىنچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلايدۇ، شۇڭا بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى سەگەك ئۇخلىمغاندا، دىققەتسىزلىكتىن بوۋىقىنى بېسىۋىلىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە، بوۋاق يارىلىنىپ قالىدىغان ھەتتا تۇنجۇقۇپ قالىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

بوۋاق ئۆزىنىڭ كىچىك كارىۋىتىدا يالغۇز ئۇخلىشى كېرەك. ئەمما بوۋاقنىڭ كارىۋىتى ئاتا-ئانىسىنىڭ كارىۋىتىغا يېقىن بولۇشى، بوۋاق كارىۋىتىنىڭ ئەتراپىغا بوۋاق كارىۋىتىدىن ئىگىز نەرسىلەرنى تىزىپ قويماسلىقى، بوۋاق ئۇخلىغاندىن كېيىن ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىشتۇرۋېتىشى زۆرۈر، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈستەلنى بوۋاق كارىۋىتىدىن يېراق جايغا قويۇشى كېرەك، چۈنكى بوۋاققا بىخەتەر بولغان ئۇخلاش مۇھىتى كېرەك.

بوۋاق ئۇخلاۋاتقاندا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ

2.بوۋاقنىڭ قولىغا دىققەت قىلىش

بوۋاقنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ، بوۋاق ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى چىڭ تۇتالايدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، سىم ياكى ئاتا-ئانسىنىڭ چېچى دېگەندەك. بۇ نەرسىلەرگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، بوۋاق بۇ نەرسىلەرنى چىڭ تۇتىۋالغاندا، بارماقلىرىدا قان يېتىشمەسلىك ۋە ياكى ئىششىپ كۆكىرىپ قىلىش دېگەندەك خەتەرلىك ئەھۋاللارنى ھەتتا ئېغىر بولسا بارمىقىنىڭ نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:

كىيىم-كېچەكتىكى يىپلارنى ئېلىۋېتىش، توك سىمى، پەردە ئارغامچىسى، شەپكىنىڭ لېنتىسى، ئارغامچىسى بار ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى بالىنىڭ ئۇخلايدىغان يەرىدىن يىراق قويۇشى، بوۋاقنىڭ قولىغا پەلەي كىيدۈرمەسلىك كېرەك.

بوۋاق ئۇخلاۋاتقاندا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ

3.يىقىلىپ چۈشۈش

بوۋاقنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى كۈچەيگەندىن كېيىن، كارىۋاتتىن يىقىلىپ چۈشۈشلىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇنداق ئەھۋاللار تاساددىبىي يۈز بەرسە، زىيادە قاتتىق چۆچۈمەستىن ئەڭ ئاۋۋال يارىلانغان ئورۇن بىلەن زەخىملىنىش دەرىجىسىنى تەپسىلى كۆزىتىش كېرەك، ئەھۋالى ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرسۈتۈش كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى:

بوۋاق كارىۋىتىنى چوقۇم رېشاتكىلىق قىلىشى ھەم لەڭگەرنىڭ كەڭلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. كەڭلېكىنى ئادەتتە بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى يەنى 34 سانتىمېتىر كەڭلىكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بوۋاقنىڭ ئاستىغا بىر قەۋەت يۇمشاق سېلىنچا سېلىنىشى لازىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى