ساغلاملىق

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

شياۋچىن يېزىلىق بولۇپ، ئۆزى بىلەن بىر كەنتلىك شياۋلىغا ياتلىق بولىدۇ، توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شياۋچىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ، لېكىن شياۋچىن تۇغۇت تەكشۈرتۈشىگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ… بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ھالەتتە بولۇپ، ئەسلىدە بوۋاقنىڭ كۆز قارىچۇقى يوق، تۇغما ئەما ئىدى. شياۋچىن تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغان بولغاچقا، مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىققانىدى.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

ئۇزاق ئۆتمەي 2-بالىسىغا قورساق كۆتۈرگەن شياۋچىن يەنىلا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى قەرەللىك تەكشۈرۈتۈشكە سەل قارايدۇ. نەتىجىدە 2-بالىسىمۇ تۇغما ئەما تۇغۇلىدۇ، دوختۇر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن: بىرىنچى تۇغۇتتا تۇغما كېسەللىك بار بولغاچقا، ئىككىنچى تۇغۇتتا نېمىشقا قەرەللىك تۇغۇت تەكشۈرۈتۈشى قىلمىدى؟- دەپ سورايدۇ.

شياۋچىن ئۆيىدىكىلەرنىڭ: تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش پۇلنى بۇزۇپ چاچقانلىق،- دەپ قاراپ پۇل تېجەش ئۈچۈن ئۇنى دوختۇرخانىغا بارغۇزمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دوختۇر بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. قەرەللىك تۇغۇت تەكشۈرۈتۈشىدە ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۆزىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كېسەل بولسا ۋاقتىدا داۋالىغىلى بولىدۇ، شۇڭا قەرەللىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ئىنتايىن زۆرۈر، ئۈچ تەنچە يىغىندى كېسەللىكى (唐氏筛查)نى تەكشۈرتۈش بىر خىل ئاددىي، تېجەشلىك، ھامىلىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىنورمال ھامىلىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىملىقى نۇرغۇن تۇغۇت تەجرىبىسى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە ئايان، قەرەللىك تۇغۇت تەكشۈرتۈشى قىلغاندا خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىدار ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلىرىنى ئالدىن بىلگىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ، بوۋاقنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلېكىنىمۇ تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

بەزىلەر تۇغۇت تەكشۈرتۈشىگە نىسبەتەن بىر خىل خاتا قاراشتا بولۇپ، تۇغما كېسەللىك ئىرسىيەتتىن، ساغلام ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى كېسەل بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا قاراش. ھەربىر ئادەم يوشۇرۇن ئىرسىيەت گېنىنى ئېلىپ يۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا قارىماققا ساغلام كۆرۈنىدىغان ئەر-خوتۇنلارمۇ كېسەللىكنى بالىسىغا ئىرسىيەت قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ساغلام بالا تۇغۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەنمىز، قەرەللىك تەكشۈرۈتۈشتىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۇلارغا يېتەرلىك غەمخورلۇق قىلىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېغىر ئىشلارنى قىلسا قەتئىي بولمايدۇ، ھامىلدار ئايال ئەگەر كۈچ سەرپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلسا، قورسىقى كۈچەپ كېتىپ، ھامىلىگە ئاسانلا زىيان يەتكۈزۈپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىلىشى، ئائىلە ئەزالىرى چوقۇم ئۇلارغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

«كۆزسىز» تۇغۇلغان بوۋاق

سىز ئىلگىرى ھامىلدار بولغاندا قەرەللىك ھالدا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش قىلىپ باققانمۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى