ساغلاملىق

كېچىدە بالىلار ئۇخلىغاندا چىراغ ياندۇرۇپ قويۇشنىڭ زىينىنى بىلەمسىز؟

ئادەتتە ياخشى بولغان ئۇيقۇ مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيقۇ مۇھىتىنىڭ قاراڭغۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لېكىن، يېڭىدىن ئانا بولغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي قاراڭغۇ مۇھىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىنتايىن قولايسىز. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئانىلار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئىندۇكسىيەلىك كېچىلىك چىراغ ياكى دائىم يورۇيدىغان كىچىك كېچىلىك چىراغ سېتىۋالىدۇ.

لېكىن، كېچىدە بالىنىڭ ئۆيىگە بىر كىچىك كېچىلىك چىراغ ئورنىتىش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى ئادەم ئۇخلىغاندا مېلاتونىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، مېلاتونىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى پۈتۈنلەي قاراڭغۇ مۇھىتقا موھتاج بولىدۇ، كېچىلىك چىراغنىڭ نۇرى مېلاتونىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى چەكلەپ، بالىلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېچىدە بالىلار ئۇخلىغاندا چىراغ ياندۇرۇپ قويۇشنىڭ زىينىنى بىلەمسىز؟

ئۇنىڭدىن باشقا، چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلىسا، بالا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا كۆزنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، يورۇقلۇق كۆز قارچۇقىنى داۋاملىق «خىزمەت» قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، كۆز قارچۇقى ئۇزاق مەزگىل ئارام ئالالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرنىڭ غىدىقلىشى كۆز ئەتراپىدىكى نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنى ئىزچىل تۈردە كۆرۈنمەس، ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان جىددىي ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنى تېخىمۇ ئاسان يىراقنى كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ.

شۇڭا، بالا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىنىڭ ئۆيدىكى چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، دېرىزە پەردىسىنى تارتىپ، ئۇخلاش بوشلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي قاراڭغۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

كېچىدە بالىلار ئۇخلىغاندا چىراغ ياندۇرۇپ قويۇشنىڭ زىينىنى بىلەمسىز؟

يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈنلەي قاراڭغۇ مۇھىتتىلا بالا تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلىيالايدۇ. يورۇقلۇق بار مۇھىتتا بالىلار تېخىمۇ ئاسان ئويغىنىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى