ساغلاملىق

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

1. بوۋاقلارغا ئانا سۈتى بېرىپ بېقىشنىڭ پايدىسى

ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئاشقازان-ئۈچەي يولى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىگە ھەمدە مېڭە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كېسەلدىن يۇقۇملىنىش ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللېكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە باشقا ئەزالارنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشغا پايدىسى بار.

ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلار بىلەن سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا روشەن پەرق بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، سېمىزلىك، قاندىكى ماي مىقدارى نورمالسىز بولۇش ۋە ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسەل بولۇش خەتىرى تۆۋەن بولۇپ، بىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

2. ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان پايدىسى

ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئانىلار ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بەزى كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەزالىرى ۋە بەدەن شەكلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈت بېزى ياللۇغى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ۋە ئانىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سۈت بېزى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى، تۇخۇمدان قاتارلىق ئەزالارنىڭ راك كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى ۋە باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

3. پۈتۈن دۇنيا مېدىتسىنا ئالىملىرى بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

«جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات پىروگراممىسى»دا، تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «خەلق ئوزۇقلۇق پىلانى (2017-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)» ۋە بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى (2019-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»دە، بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش تەكىتلەندى.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

2008-يىلىدىكى 4-قېتىملىق دۆلەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش نىسبىتى %27.6 بولغان، تۆت يىلدىن كېيىنكى 2013-يىللىق 5-قېتىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، بۇ سان %58.5 كە ئۆرلىگەن، بۇنىڭدىن ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. باشقا ئوخشىمىغان رايونلاردا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

دۇنياغا نەزەر سالساق، ئەمەلىيەتتە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش قىيىنچىلىقى ناھايىتى كۆپ. پۈتۈن دۇنيادا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى ئەمەس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2009-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتى %10دىن %14كىچە بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ساندا كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلمىگەن، شۇڭا پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشۋىق قىلىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

4. ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار

بىز تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتىنىڭ ئۆسىشىنى چەكلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بىيولوگىيىلىك ئامىللاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

بالا ئېمىتىشتىكى بىيولوگىيەلىك ئامىللار ئادەتتە ئانا ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ھالىتى (مەسىلەن: تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت بېرىش ۋاقتى، تۇغۇش ئۇسۇلى، تۇغۇت قېتىم سانى، ھامىلە يېشى، بالا ئېمىتىشتىن بۇرۇنقى قوشۇمچە يېمەكلىك، سۈتنى توختۇتۇش، ئېمىتىش بىلىملىرى، بوۋاقلار يىغىسى، بوۋاق يېشىنىڭ چوڭىيىشى)نى كۆرسىتىدۇ؛ يەنە ئانا ۋە بوۋاقنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھالىتى، كېسەللىك ئەھۋالى (بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى، ھامىلىدار بولۇش يۇقىرى مەزگىلى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، بالا ئېمىتىش، ئانىنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينى ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى پىسخىكىلىق ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئاياللار خىزمەت مەيدانىغا كىرىپ، ئاياللار خادىملارنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلىغان، شۇڭا ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئامىللىرى (تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزۇن بولۇش، ئانىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىش-كەلمەسلىكى، ئانا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئومۇملاشتۇرۇش ياكى مۇۋاپىق چەكلىمە قويۇش، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى، تويلىشىش ئەھۋالى، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا قولايلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە مۇھىت ئامىللىرى بارمۇ-يوق)، داۋالاش مەنبەسى ئامىللىرى (تېببىي خادىملارنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارى ۋە تەربىيە ھەرىكىتى) تۇغۇتلۇق ئاياللارنى تەربىيەلەش ۋە قوللاش ھەمدە ئائىلە كىرىمىگە بولغان تەسىرى ئىقتىسادىي ئەھۋالى. ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغان، خىزمەت ئورنى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولغان رايونلار، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتىنى يۇقرى كۆتۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ۋەزىيەت ھازىرلىغان.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ خىل، مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئائىلىگە بولغان ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا قولايلىق مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ئاممىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولغان چۈشىنىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىپ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

5. سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشقا ئاقىلانىلىك بىلەن قاراش.

دۆلىتىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەردە، بىز سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نىسبىتى بويىچە بېقىشنىڭ نىشانى %50، ئۇنىڭدىن باشقا %50 بولسا، بىر قىسىم سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىش.

بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرسەك بولىدۇ، ئانىلارمۇ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. بوۋاقلارغا بەزى ۋاقىتتا سۈت پاراشوكلىرىنى بېرىش، بولۇپمۇ ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى كۈچەيتىپ تەڭشەلگەن يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

بىزنىڭ نىشانىمىز ئالتە ئايلىق بولغۇچە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، يار بەرسە ئىككى ياشقىچە داۋاملاشتۇرۇش. ئەگەر بىز بۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىساق، بۇنىڭ ئۈچۈن بەك تەشۋىشلىنىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا پايدىسىز. ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي سۈنئىي بېقىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكلىرى يەنىلا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى بوۋاقلار تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىغا نىسبەتەن ياقتۇرماسلىق خاھىشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رولى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغان بوۋاقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت. بۈگۈنگە كەلگەندە تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئانا سۈتى بىلەن بالىنى باقالمىغان چىغىمىزدا، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشقا كاپالەتلىك قىلىشمىز كېرەك. كۆپچىلىك ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ئۈچۈن بەك چوڭ بېسىم ھېس قىلماسلىقى، بەك كۆپ تەشۋىشلەنمەسلىكى كېرەك.

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بالا ۋە ئانىغا قانداق پايدىسى بار؟

ئەگەر بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولسا بالىنى چوقۇم سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز ئىمكانقەدەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ بىر ھالىتىگە تەقلىد قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى بولغان ساغلام نەتىجىگە ئېرىشتۈرىمىز.

كۆپچىلىك ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئامىللارغا نىسبەتەن، بىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىمىزمۇ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. بەزى ئامىللارنى ئىلمىي ئۇسۇل، تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىمىز، ئەمما چېتىلىش دائىرىسى بەك كەڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئامىلغا قارىتا، بىز تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى شارائىتتا، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخس، ئائىلە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى