ساغلاملىق

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

بەزى ئاغرىقلارنىڭ سەۋەبسىزلا يۈز بېرىشى ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر سىز يەنىلا ئېتىبار بەرمەي، داۋاملىق چىداپ كەلسىڭىز، تۇرمۇش سۈپىتىڭىز تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىر ئايدىن ئېشىپ كەتكەن ئاغرىق ئەسلىدىنلا بىر خىل كېسەللىكتۇر.

1979-يىللاردىلا خەلقئارا ئاغرىق ئىلمى جەمئىيىتى ئاغرىققا كۆڭۈلسىز كەيپىيات ۋە توقۇلمىدىكى يوشۇرۇن زەخمىنىڭ مۇمكىنچىلىكى دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

تېببىي ئىلىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاغرىققا قايتا ئېنىقلىما بېرىلدى: بىر ئايدىن ئاشقان ئاغرىق بولسا بىر تۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، ھەر قايسى سىستېمىلار ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاغرىق ئۇ چاغدا سەزگۈ ئەزادىكى بىر خىل تۇيغۇ بولماستىن، بىر خىل كېسەللىك سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە كۆرۈلىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 100 مىليون سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىق بىمارلىرى بار ئىكەن.

تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئاغرىققا قانچە ئۇزاق بەرداشلىق بەرگەنسېرى شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ:

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

1. كۈچلۈك باش ئاغرىقى

باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى بەك كۆپ، مەسىلەن، ئۇيقۇسىزلىق، بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى ھەمدە بىرلەمچى باش ئاغرىقى قاتارلىقلار. كۆپىنچە كىشىلەر باش ئاغرىقىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە ئارام ئېلىۋالساملا ئوڭشىلىپ قالىمەنغۇ دەپ ئويلايدۇ.

ئەگەر باش ئاغرىقى بىر مەزگىل داۋاملاشسا ۋە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، قول-پۇتلار كۆيۈشۈش، دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

مېڭىگە قان چۈشۈش قان-تومۇرلارنىڭ قېتىشى ۋە يېرىلىشىدىن كېلىپ چىققان قاناش بولۇپ، مېڭە توقۇلمىلىرىنى بېسىۋالىدۇ، مېڭە بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىيدۇ، ئادەم ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ. مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئۆلۈش نىسبىتى %30 ~%40كە يېتىدۇ، ئەگەر باش قاتتىق ئاغرىپ چىدالمىغاندا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

2. كىندىكنىڭ ئەتراپى ياكى قورساق قىسمى ئاغرىسا

يېمەكلىكنى خاتا يېگەندە قورساق ئاغرىيدۇ، لېكىن كىندىكنىڭ ئەتراپىدا بىر خىل چىدىغۇسىز ئاغرىق پەيدا بولسا، بۇ نوقۇل ئىچى سۈرۈش ئەمەس، بەلكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدۇر.

سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى چوڭ ئىش ئەمەس، يېنىك دەرىجىدىكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ.

لېكىن داۋاملىق ئارقىغا سۆرىگەندە، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى قورساق بوشلۇقى ۋە چوڭ ئۈچەيگە يۆتكېلىپ، نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن قورساق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

3. دۈمبە قىسمى ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىسا

بەلنى ئازراقلا ئەگسە ئاغرىسا، ئالدى بىلەن بەل ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنى ئويلىشىش كېرەك: يەنى بەل قىسمىدىكى مۇسكۇل تارىمۇشلىرى جىددىي زەخىملەندىمۇ- يوق، مۇسكۇل تالاسى توقۇلمىلىرى ياللۇغى بارمۇ-يوق، بەل ئومۇرتقا كېسىلى سۆڭىكى سۇندىمۇ-يوق قاتارلىقلار.

ئەگەر يۇقىرىقىلار بولمىسا، ئارتېرىيە ئۆسمىسى كېڭىيىش ياكى بۆرەككە تاش چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۆرەككە تاش چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بەل قىسمىنىڭ ئاغرىقى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇ خىل بەل ئاغرىقى كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى CTدا تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

4. كۆكرەك قىسمى ئاغرىسا

ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشسە مەيدىسى ئاغرىيدۇ، ئارام ئالغاندا كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ياشانغانلار پائالىيەت جەريانىدا مەيدىسى ئاغرىغاندىن سىرت، يەنە مۈرە قىسمى ئاغرىش، يۈرەك سېلىشى، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىنىشتەك باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، نەپەس قىيىنلىشىش، قىسىلىش، مەيدىسى ئاغرىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە ئۆپكىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

5. كىچىك پاقالچاق ئاغرىسا، سۇلۇق ئىششىسا

پاقالچاقنىڭ ئاغرىشى زورۇقۇشتەك ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، ئەگەر سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، باسقاندا ئاغرىسا، يەنە پۇت قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىسە، ئۇنداقتا چوڭقۇر قىسىمدىكى ۋېنالارنىڭ توسۇلۇشىنى ئويلىشىش كېرەك.

قان نوكچىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمىسە، قان نوكچىسى ئۆپكىگە يۆتكېلىپ، ئۆپكە كەپلەشمىسىنى پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك، تاماكا چېكىش، ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش، ئىرسىيەت تارىخى بارلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر قىسىمدىكى ۋېنا كەپلەشمىسى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.

6. كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كەلسە

كىچىك تەرەت قىلغاندا سانجىپ ئاغرىش دائىم سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك مىقدارى ناھايىتى ئاز، ئەمما تەرەت قىلىش ئارزۇسى بولۇش، كىچىك تەرەت قىلغاندا سانجىپ ئاغرىش، قىيىنلىشىش قاتارلىقلار كۆپىنچە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغىدا كۆرۈلىدۇ؛

سۈيدۈك دۇغلاشسا، تەرەتتىن كېيىن قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىسا، بەزىدە قانلىق سۈيدۈك كۆرۈلسە، بۇ كۆپىنچە ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغىدا كۆرۈلىدۇ؛

توختىماي كىچىك تەرەت قىلىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندىن كېيىن يەنە ئاغرىش كۆرۈلسە، بۇ كۆپىنچە مەزى بېزى ياللۇغىدا كۆرۈلىدۇ؛

كىچىك تەرەت چىقىرىش تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالسا، كۆپىنچە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولغان بولىدۇ.

بۇ يەتتە خىل ئاغرىق بەدىنىڭىزدە كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

7. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى ئاغرىق

ئاۋۋال ئاغرىق ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى بىلىش كېرەك:

سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاغرىش: سۈركىلىش ۋە يىرتىلىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن؛

جىنسىي يول ئاغرىقى: داس بوشلۇقى ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك؛

قورساق ئاغرىش: بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش كېسىلى بولۇشى مۇمكىن.

مەيلى قايسى خىل ئاغرىق بولسۇن، ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھوشيار بولۇشى، ئۆزىدە ئاق خۇن كۆپىيىپ كېتىش، بىنورمال قاناش، غەيرىي پۇراق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى