ساغلاملىق

ئېڭىشىپ يانفونغا قاراش قوش ئېڭەك پەيدا قىلامدۇ؟

دائىم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفونغا قاراش ھەقىقەتەن قوش ئېڭەك پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بەدەندىكى ماي مىقدارىنى ئازايتىش، مۇسكۇل چېنىقتۇرۇش، بەدەن شەكلىنى تۈزەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قوش ئېڭەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

تەكشۈرگۈچىلەر: چېن ۋېنفۇ جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەكىل تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

چىرايلىق ئېڭەك قىسمى يۈز قىسمىنى تېخىمۇ جەلپكار كۆرسىتىدۇ. بىراق كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، قوش ئېڭەك مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. قوش ئېڭەك سېمىزلەرگىلا خاس سۈپەت بولماستىن، بەزى ئورۇق كىشىلەرمۇ قوش ئېڭەكلىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋاللار گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا بەدەندە ماي كۆپ بولۇپ كېتىش سەۋەبىدىن قوش ئېڭەك پەيدا بولغاندىن باشقا، قوش ئېڭەك يەنە نېمە سەۋەبتىن شەكىللىنىدۇ؟ توردا تارقىلىپ يۈرگەن «بېشىنى تۆۋەن سىېلىپ يانفونغا قارىسىمۇ قوش ئېڭەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن قاراش توغرىمۇ؟

ئېڭىشىپ يانفونغا قاراش قوش ئېڭەك پەيدا قىلامدۇ؟

1.زادى نېمە سەۋەبتىن قوش ئېكەڭلىك بولۇپ قېلىۋاتىمىز؟

قوش ئېڭەكنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ، قوش ئېڭەكنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى بىلىۋالغاندا، شەكىللىنىش سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يوقىتىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت سەۋەب قوش ئېڭىكى چىقىپ قېلىشنىڭ «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول»دۇر:

(1) سېمىزلىك. سېمىزلىك كۆپ ھاللاردا بىرىنچى چوڭ قاتىل بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندىلىك مېتابولىزم سەرپىياتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، بەدەن ماينىڭ ئارتۇق قىسمىنى زاپاس ساقلاپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قېلىن بىر قەۋەت ياغ ئېڭەككە يىغىلىپ قوش ئېڭەك پەيدا بولىدۇ.

(2) سۆڭەك قىسقىراش. سۆڭەكنىڭ قىسقىرىشىنى كېيىن پەيدا قىلىدىغان ئامىللار كۆپىنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىزنى ئېچىپ نەپەسلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئېڭەكنىڭ قىسقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاستىنقى ئېڭەك قىسقىراپ، ئەسلىدىكى ئاستىنقى ئېڭەكنىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرىنى تىرەپ تۇرالمايدۇ، يۇمشاق توقۇلمىلار ئېغىرلىق كۈچى سەۋەبىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلىغاندىن كېيىن ئېڭەك بىلەن بويۇننىڭ چېگرا سىزىقىنى خىرەلەشتۈرىدۇ، بەدەندىكى ماي مىقدارى نورمال بولغان تەقدىردىمۇ ئاسانلا قوش ئېڭەك پەيدا بولىدۇ.

(3) چايناش قىياپىتى ۋە چايناش ئادىتى ناچار بولۇش. مۇسكۇل تىپىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى دائىم توغرا بولمىغان قىياپەتتە چايناش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن: ئادەت خاراكتېرلىك بويۇننى ئالدىغا سوزۇۋالىدىغانلاردىكى بويۇن مۇسكۇلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل سوزۇلۇش ھالىتىدە تۇرۇشى؛ چايناشتىن ئېرىنىپ تاماق يېيىش ئادىتى ياكى قىزلارنىڭ چايناش مۇسكۇلىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قەستەن چايناش قېتىم سانىنى ئازايتىشى قاتارلىقلار مۇسكۇللارنىڭ تولۇق چېنىقماي بوشاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېرىلىش كۈچى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئادەتلەر كۆرۈمسىز قوش ئېڭەك شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، تاشقى قىياپەتنىڭ گۈزەللىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

(4) تېرىنىڭ بوشاپ تۆۋەنگە ساڭگىلىشى. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە بوشىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە بويۇن قىسمى ئىلگىرىكى چىڭلىقىنى يوقىتىپ، قوش ئېڭەك پەيدا بولىدۇ.

2. دائىم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفونغا قاراش راستىنلا قوش ئېڭەك پەيدا قىلىدۇ.

بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفونغا قارىغاندا بەدەننىڭ دۈمبە قىسىمى ئېگىلىپ بويۇن ئالدىغا قىيسىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بويۇن قىسمىنىڭ كۆتۈرىدىغان ئېغىرلىقى باش قىسمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن چوڭ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن مۇسكۇل تىپلىق قوش ئېڭەكنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئوخشاش ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بويۇننىڭ ئالدىغا ئېگىلىشى تېرىنىڭ سوزۇلۇش ھالىتىنى پەيدا قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا تېرە تېخىمۇ ئاسان بوشاپ كېتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت باشنى ئالدىغا سوزۇۋالغاندا، بويۇن مۇسكۇللىرى كۈچىنى يوقىتىپ تىرەش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، مايلارمۇ ئاسانلا ئېڭەككە يىغىلىۋالىدۇ ھەمدە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ.

ياشلارنىڭ بىر كۈندە يانفونغا قاراش ۋاقتى ئادەتتە بىر نەچچە سائەتتىن ئون نەچچە سائەتكىچە ئوخشاش بولمايدۇ. ئاستىنقى تاڭلاي مۇسكۇللىرىغا قارىتا قاراتمىلىق چېنىقىش ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ، پەقەت قىسقا مەزگىلدىلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن يەنىلا ئۇزۇن مەزگىللىك ناچار ئادەتلەر ئېلىپ كەلگەن قوش ئېڭەكنى تۈزىتىش ناھايىتى تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا بولمىغان قىياپەتنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىش ھەمدە ئاڭلىق ھالدا تۈزىتىش قوش ئېڭەك چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

3. بەدەننىڭ ماي مىقدارىنى ئازايتىش ياكى خاس گۈزەللەشتۈرۈپ داۋالاش بىلەن قوش ئېڭەكنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.

قوش ئېڭەكنى يوقىتىش ئۇسۇلى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، بەدەندىكى ماينى ئازايتىپ مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشقا قوشۇمچە قىلغان بەدەن ھالىتىنى تۈزەش ئۇسۇلىدۇر. ياخشى بولغان گۈزەللەشتۈرۈپ داۋالاش ۋاسىتىسىدىن پايدىلانغان ئەھۋالدا، قوش ئېڭەكنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا خاس گۈزەللەشتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى