ساغلاملىق

قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىقىغا ئۆزى دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى

بەزى كىشىلەر قورسىقىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىسا سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قورسىقىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى تەرىپىنىڭ ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ، چۈنكى قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى ئەزالار يالغۇز سوقۇر ئۈچەي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يانپاش ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچى، سۈيدۈك نەيچىسى، بىر قىسىم چوڭ ھاۋا ۋە ئۈچەي بېغىشى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى ۋە تۇخۇم نەيچىسى، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق نەيچىسى قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىسا، ئالدى بىلەن ئۇنى پەرق ئېتىپ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن توغرا داۋالاش كېرەك.

جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىش باشلانغاندا، ئاۋۋال قورساقنىڭ ئۈستى قىسمى ياكى كىندىك ئەتراپى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىيدۇ. كېيىن قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىغا يۆتكىلىدۇ ۋە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى چەكلىك دائىرىدە قاتتىق بېسېلىپ ئاغرىيدۇ، ھەمدە ھاڭقىپ ئاغرىش ( قول بىلەن بېسىپ تۇرۇش قويۇۋەتكەندە ئاغرىش) ۋە قورساق مۇسكۇللىرى تارتىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

يانپاش ئۈچەي ئاخىرقى ئۇچىنىڭ ياللۇغلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسىم ئاغرىقىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى جىددىي خاراېتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن بۇ كېسەل باشلانغاندىلا قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىيدۇ، تۆتكىلىش ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ.

ئۈچەي تېشىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىنىڭ ئاغرىقى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ، دەسلەپتە كۆپىنچە قورساقنىڭ ئاستى قىسمى ئاغرىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن قورساق ئاغرىيدۇ. بىراق كېيىن قورساق ئاستىنقى قىسمىنىڭ ئاغرىشى ئېغىرلىشىدۇ، بۇ كېسەللىك كۆپىنچە كۈز پەسلىدە كۆرۈلىدۇ. قورساق ئاغرىشتىن بۇرۇن دائىم ئازراق ۋاقىت تۆۋەن قىزىش، باش ئاغرىش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش ۋە پۈتۈن بەدەن ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسىم ئاغرىقى كۆپىنچە بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. قورساق ئاغرىقى دەسلەپتە قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىدىن باشلىنىدۇ.

ئوڭ تەرەپ سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىقىدا دائىم قورساق سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ھەمدە بۇ ئاغرىق كۆپىنچە دوۋساق ياكى سىرتقى جىنسىي ئەزا قىسمىغا تارقىلىدۇ.

جىددىي خاراكتېرلىك تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىقىدا قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىيدۇ. ئاندىن يۇقىرىغا قاراپ كېڭىيىدۇ ھەمدە بەل ئاغرىيدۇ. جىنسىي يولدىن قويۇق ئاجرالمىلار ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇتقاندا ئاغرىيدىغان ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىقى قوزغالغاندا، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئازراق خۇن كېلىدۇ ھەم ھەيز كېچىكىپ كېلىش ياكى بۇرۇن كېلىشتەك قانۇنىيەتسىز ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدان ئىششىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ئاغرىقى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقتىنمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن يىنىك دەرىجىدە شوك (پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ، توقۇلمىلارغا قان يېتىشمەسلىكتىن پەيدا بولىدىغان پۈتۈن بەدەنلىك رېئاكسىيە) پەيدا بولىدۇ، ھەمدە داس بوشلۇقى قىسمى تۇتسا ئاغرىيدۇ ۋە يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.

چوڭ چاۋىنىڭ تولغىشىپ قېلىشى ياكى توسۇلۇپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساق ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمى ۋە كىندىك ئەتراپى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭكىگە ئوخشاش كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئوتتۇرا ياشلىق سېمىز ئەرلەردە كۆرۈلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !