ساغلاملىق

ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنى ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟

بەزىلەر ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنى ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. مەن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق قاراشقا كەلدىم. ئاتالمىش ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرخىل ئەگرى باكتېرىيىلەر ئەمەلىيەتتە ئادەم تۇغۇلغاندىلا ئەچەيدە بار بولغان، ئادەم تېنىدە بىرلىكتە ياشايدىغان مەۋجۇدات. سۇسىزلىنىش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بىۋاستە چەكلىمىگە ئۇچراتقاندىن كېيىنلا ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. بىز ساغلام ۋاقىتتا ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىلەر بىز بىلەن بىرلىكتە ياشاپ بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى شۇلار ئىشلەپچىقىرىدۇ. يەنى بىز ساغلام ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىز ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. بىراق ئادەم بەدىنى سۇسىزلىنىپ كەتكەندە بولسا، ئۇلار بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىمىزدا، بولۇپمۇ 12 بارماق ئۈچەينىڭ ئاخىرىدىكى كلاپاندا، يەنى نۇرغۇنلىغان ھېستامىن نېرۋىلىرى توپلانغان ئورۇندا يارا پەيدا قىلىدۇ. ھېستامىن پەيدا قىلغان ھورمۇن قانچە كۆپ بولسا ئەگرى باكتېرىيىلەرگە شۇنچە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نېرۋىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىغا ئۇچرايدىغان كۈچلۈك كىسلاتالىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۈچەيگە ئېقىپ چۈشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىلا يارا ئورنىدا بۇرمىلىق باكتېرىيە مەۋجۇت بولۇۋەرمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدا بۇرمىلىق تاياقچە باكتىرىيىسى بولىدۇ. بىراق ئۇلار ئاشقازان-ئۈچەي يارىسى پەيدا قىلمايدۇ. 

ئاليۇمىن تەركىبلىك كىسلاتاغا قارشى دورىلار ئىنتايىن خەتەرلىك. بەزى كېسەللەرنى سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇنداق كېسەللەرگە ئاسانلىقچە ئاليۇمىن تەركىبلىك كىسلاتاغا قارشى دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

Warning: mysqli_query(): (HY000/1194): Table 'albilik_postmeta' is marked as crashed and should be repaired in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-includes/wp-db.php on line 2056

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى