ساغلاملىق

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى

تونۇش: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغلىنىدىغان، بىماردا قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئېغىر بولغاندا شوك بولۇش ۋە قورساق پەردىسى ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان ئۆتكۈر قورساق كېسەللىكىدىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ھەرخىل ئۈچەي ياللۇغلىرى، ئۆت ۋە بۆرەك تاش كېسەللىكلىرى، مەددە قۇرت تەسىرىدىن ئۆت باش كانىلى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز كانالچىسىنىڭ توسۇلۇشى ھەمدە زىيادە تويۇنۇش، ياغلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشلىنىشىنىڭ كۈچىيىشى ۋە باشقا جىگەر ياللۇغى، ئۈچەي كېزىكى، قورساق ئوپېراتسىيەلىرى قاتارلىقلار تەسىرىدىن كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: ھەرقانداق ياشتىكېلەردە كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق ئالامىتى قورساق ئاغرىش بولۇپ، ئاغرىق تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە ھاراق ئىچىش ياكى زىيادە تويۇنۇشتىن قوزغىلىدۇ، ئۈستۈنكى قورساق قىسمى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئاغرىق بەل ۋە تاغاق قىسىملىرىغا تارقىلىدۇ. ئوڭدا ياتقاندا ئاغرىق ئېغىرلىشىدۇ، ئولتۇرغاندا ياكى تۈگۈلۈۋالغاندا يېنىكلەيدۇ. ئاغرىق كۆپىنچە بىر ھەپتە ئىچىدە يوقىلىدۇ. كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش 2-3 كۈن ئىچىدە يوقىلىدۇ. بەزى بىمارلاردا سۇسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. كېسەللىكنىڭ باشلىنىشىدا ئىچ سۈرۈش بولۇپ، كېيىنچە قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ئۆت يولى كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلسە بەدەندە سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ئۆت يولى كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلسە بەدەندە سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ، قورساقنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، قورساق مۇسكۇللىرى يېنىك جىددىيلىشىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، ئۈچەي تاۋۇشى يوقىلىدۇ. ئەگەر قورساق بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلسا يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى يېرىلىپ ئېغىر قاناش كۆرۈلسە، شوك يۈز بېرىدۇ. تېرىلەردە كۆكىرىش، قول-پۇتلار مۇزلاش، تومۇرى سوقۇش ئاجىزلاش، قان بېسىم تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بەزى بىمارلاردا ئورۇقلاش تىپىك كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ھەببى تەنكار، ھەببى شىپا، بەرشىشا كەبىر، جاۋارىش كومۇنى، جاۋارىش جويۇز، ئەرقى پۆدىنە، مەجۈنى ئىستەمغىقۇن، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش ئامىلە، مەجۈنى داۋائىلمىشكى قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ياغلىق شەكەرلىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان كۆكتاتلىق يېمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى