ساغلاملىق

ئاشقازان ئاغرىش

تونۇش: ئاشقازان ئاغرىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا كۆپىنچە كېچىسى ئاشقازان سانجىلىپ ئاغرىش، تاماق ئىستىمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، ياش ئاياللاردا ھەيز توختاپ قېلىش ياكى ھېستىرىيە كېسەللىكى پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم بۇزۇلۇش، قېنىق چاي ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت قىلماسلىق ھەمدە كۆپ ئويلاش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىشلەردىنمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزگەك كېسەللېكىنىڭ ئوفۇنەتلىك ماددىلىرى، كىچىك بوغۇملار ئاغرىقىنىڭ ئاسارەتلىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. 

ئالامىتى: ئاشقازان ئېغىزى سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىش كۆپىنچە كېچىسى، يەنى ئاشقازان تاماقتىن خالىي بولغاندا كۈچىيىدۇ، تاماق ئىستىمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىدۇ، لېكىن بەزىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، غولدۇرلايدۇ، ئاغرىيدۇ. بىمار كېكىرىدۇ، ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش كومۇنى، بېھى شەربىتى، جاۋارىش ئامىلە، پىننە شەربىتى، قوروھى شەربىتى، جاۋرىش مىشكى، ھەببى ئايارەنج پەيقىرا، جاۋارىش شەھرىيان، جاۋارىش ئۇد، جاۋارىش نانىخۇا، جاۋارىش ئۇد بارىد، جاۋارىش قۇلۇنجى، جاۋارىش كۈندۇر كەبىر، ھەببى كورسىنگى، مەتبۇخى يېغى، سوفۇپى قۇستە، مەجۈنى خىيارشەنبەر، مەجۈنى بەسباسە، مەجۈنى نانىخۇا كەبىر قاتارلىق دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار بېرىلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى