ساغلاملىق

ئاياللارنىڭ ئۆتىگە نىمە ئۈچۈن ئاسانلا تاش چۈشىدۇ

1. جىمغۇرلۇق، ھەركىتى ئاز بولۇش. نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ئاياللار ھەمىشە ئۆيىدە ئولتۇرىۋالىدۇ، ھەرىكەت ۋە ئەمگەك مىقدارى ئاز بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۆت مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچى تەبىئىي ھالدا ئاجىزلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ۋاقتىدا ھەيدەپ چىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىۋېلىپ، خولېستېرىن كىرىستاللىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆتكە تاش چۈشۈشكە شارائىت ھازىرلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللاردا ئانىلىق ھورمۇن ئەسلىدىنلا يۇقىرى بولۇپ، جىگەردىكى گىلۇكورونىك كىسلاتا، بىلىرۇبىننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بىرىكمىگەن بىلىرۇبىننى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئانىلىق ھورمۇن يەنە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ تاشنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن، ئانىلىق ھورمۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كېتىدۇ.

2. سېمىزلىك. نۇرغۇن ئاياللار ئادەتتە مايلىق، قەنتلىك ۋە يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق. بۇ ئادەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سېمىزلىكتۇر. سېمىزلىك ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ئۆلچەمچىن %15 ئېشىپ كەتسە، ئۆتكە تاش چۈشۈش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۆتكە تاش چۈشۈش 40 ياشتىن ئاشقان سېمىز ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

3. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق. ھازىرقى زامان ئاياللىرىدا، ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلماسلىق ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرىۋېتىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشىدۇ. ئەگەركۈندە ناشتا قىلغاندا، قىسمەن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ سىرتقا ھەيدىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر كېچە ساقلىنىپ قالىدىغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەمدە ئۆتكە تاش چۈشۈش خەتىرىىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.

4. كۆپ ھامىلدار بولۇش. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئاياللارنىڭ ئۆت يولى ئىقتىدارى ئاسان قالايمىقانلىشىپ، سىلىق مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرى ئاجىزلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلارنىڭ قېنىدىكى خولېستېرىن تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا چۆكۈۋالغاچقا، ئۆتكە تاش چۈشۈش پۇرسىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ تۇغقان ئاياللارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

5. تاماقتىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىك يېيىش. ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە، كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇششاق يېمەكلىك يېگەچ، پاراڭلىشىپ ياكى تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋاللارنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. بەلكىم بۇ خىل تاماقتىن كېيىن، قوشۇمچە يېمەكلىك يەيدىغان ئادەت ئۆتكە تاش چۈشۈش نىسبىتىنى بارغانسېرى ئۆرلىتىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئادەم يېرىم تۈگۈلۈپ ئولتۇرغاندا، قورساقنىڭ ئىچكى بېسىمى يۇقىرىلاپ، ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى، سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە پايدىسىز. تاماقتىن كېيىن ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىش ئۆت كىسلاتاسىنىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىن بىلەن ئكت كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى بۇزۇلۇپ، ئاسانلا خولېستېرىن چۆكمىسى ھاسىل بولىدۇ.

6. جىگەر قىېتىشقانلار. جىگەر قېتىشقاندا، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلىقتىن، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشى راۋان بولماسلىق، ئۆت يولىدىكى ۋېنالار ئەگرى كېڭىيىش ۋە قاندىكى بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى ئۆرلەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆتكە تاش چۈشىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى