ساغلاملىق

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

10. ئالما
ئون چوڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى بولغان ئالما ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ تۈرىگە تەۋە. ئالمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار، ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي مىقدارى ئنتايىن مول. ئالما كىسلاتاسى ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇپ، بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئالمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئېرىشچان بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت ئېلېمېنتى بولسا تېرىنىڭ ساغلاملىقىدا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان ئالاھىدە ئېلېمېنت.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

9. لىمون
لىمون ئاقارتىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېۋە بولۇپ، ئۇ قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئاپېلسىن ئۇرۇقدىشىغا تەۋە. لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ ھەممىسى بار، لىمون يۇقىرى ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭلاشقا ئۇ تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە پىگمېنت چۆكمىسىنى تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك. لىموننىڭ تەركىبىدە لىمون كىسلاتاسى كۆپرەك بولۇپ، بۇ خىل كىسلاتا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە، ئىشقارلىقنى نېيتراللاشتۇرۇپ، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

8. مايمۇن شاپتۇل

مايمۇن شاپتۇل تەركىبىدە ئىشقار، ئاقسىل، ھىدرولىزلىغۇچى فېرمېنت، تاننىن پېكتىن ۋە ساخارىد قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار بار، شۇنىڭدەك، كالتسىي، كالىي، سېلېن، سىنك، گېرمانىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسىدىن باشقا، يەنە مول ۋىتامىن C، ئۈزۈم كىسلاتاسى، مېۋە شېكىرى، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، قاتارلىقلامۇ تولۇق. ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئەترىتى بۇ خىل مېۋە تەركىبىدىكى پىررول كۇينولىن تەركىبىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. پىررول كۇينولىن 1970-يىللىرى ئەتراپىدا كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان. كېيىنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە نېرۋىنى قوغداش رولى بار ئىكەن.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

7. بانان
بانان ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدىغان مېۋە. ئۇنىڭ مېۋە ئېتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گرام مېۋە ئېتىنىڭ تەركىبىدە 20 گرام كاربون سۇ بىرىكمىسى، 1.2 گرام ئاقسىل، 0.6 گرام ياغ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىنلار بار، بۇ ۋىتامىنلار ئىچىدىكى رىبوفلاۋىن ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بانان ئادەم بەدىنىدىكى سېروتونىن ۋە مېلاتونىن تۇراقلاشتۇرۇلغاندىن سىرت يەنە، ئۇنىڭ تەركىبىدە مۇسكۇلنى بوشىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ماگنىي ئېلېمېنتى بار، شۇڭا خىزمەت بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

6. چوڭ ئاپېلسىن (柚子)
چوڭ ئاپېلسىن سۇزاپ ئائىلىسىدىكى ئاپېلسىن ئۇرۇقدىشىغا تەۋە غوللۇق دەرەخ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك. ھازىرقى زامان تېببىي دورىگەرلىك ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ بايقىلىشىچە، چوڭ ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە ئىنسۇلىن قاتارلىق تەركىبلەر ئىنتايىن مول بولۇپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ئورۇقلىتىش، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار ئىكەن. ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن P بار بولۇپ، ئۇ تېرىدىكى كاپىليارلىق تۆشۈكچىلەرنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تېرە توقۇلمىلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىغىمۇ ئىگە. ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، سەمرىپ كېتىشتىن قورقىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى گۈزەللىك مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈز پەسلىدە مۇۋاپىق چوڭ ئاپلېسىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەقتىتىگە يەتكىلى، يەنە، يۈز قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

5. دەرەخ كاۋىسى (木瓜)

دەرەخ كاۋىسى ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى چاتقال تۈرگە تەۋە بولۇپ، دەرەخ كاۋىسى ئادەتتە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى ناھايىتى ياخشى. دەرەخ كاۋىسى تەركىبىدىكى ئاقسىل پارچىلىغۇچى ئېنزىم ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە ئۈچەي يولىدىكى ئاجرالمىلارنى تولۇقلاپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېتىشمەسلېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاقسىل ۋە كراخمالنى پارچىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنۇڭدىن باشقا دەرەخ كاۋىسى تەركىبىدىكى بۇ خىل مادىدىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ماددىلار ئورگانىزىملارنىڭ توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، زەھەرلىك ماددىلارنى يوقىتىشىغا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

4. ھايمانتۇس (火龙果)
ھايمانتۇس كاكتۇس ئائىلىسىگە تەۋە سورت بولۇپ، يامىشىپ ئۆسىدۇ. ھازىرقى زامان پەن تەتقىقات ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل مېۋە ئىنسانلارغا پايدىلىق نۇرغۇن تەركىبلەرگە ئىگە بولۇپ، يەنە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ھايمانتۇس مېۋىسى تەركىبىدە ئادەتتە كۆكتات ۋە مېۋىلەردە ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ئالبۇمىننى ناھايىتى مول. بۇ خىل ئالبۇمىن ئادەم بەدىنىدىكى ئېغىر مېتال ئىئونلىرى بىلەن بىرىكىپ زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋىتامىن C ئوخشاشلا ئىنتايىن مول بولۇپ، تېرىنى ئاقارتىپ، قارا داغلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

3. ئەينۇلا

ئەينۇلا مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ سىيانىدىن ماددىسى مول بولۇپ، بۇ خىل ماددا ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلۇق ۋە ساقلىقنى ساقلاش، مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، راكقا قارشى تۇرۇش، قان تومۇرنى يۇمشىتىش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغىمۇ ئىگە. تەبىئىي ئەينۇلا گۈلى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، USDA نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىدىغان 40 نەچچە خىل مېۋە ۋە كۆكتات ئىچىدە، ئەينۇلانىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئىكەن، ئەينۇلانى ئىستېمال قىلغاندا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

2. تاۋۇز
تاۋۇز تەركىبىدە كالىي ئېلېمېنتى ئىنتايىن مول. تاۋۇز ياز پەسلىدە ئاسانلا تەر بىلەن بىللە ئېقىپ كېتىدىغان كالىينى تېزلىكتە تولۇقلايدۇ ۋە كالىي ئېلېمېنتىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسكۇللارنىڭ ماغدۇرسىزلىنىشى ۋە چارچاش تۇيغۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇرۇقتۇرمىلىق كەيپىياتىنى يوقىتىدۇ. كالىي ئىنسانلارنىڭ پۇت مۇسكۇلىنى گۈزەللەشتۈرۈشتە زۆرۈر بولغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا تاۋۇز يەپ، تاۋۇز سۈيى ئىچىپ بەرگەندە، پۇت شەكلىنى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى تاۋۇز سۈيى ۋە يۇمران تاۋۇز شاپىقى (تاۋۇز شاپىقنى يېمەيسىز جۇمۇ ھى ھى…) تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قورۇقنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ پارقىراقلىقنى ئاشۇرىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن تاۋۇز سۈيىنى گىرىم سۈيى ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مېۋىلەر

  1. چىلان

چىلان تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، قەنت، كاروتىن، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن C، ۋىتامىن P، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ئادېنوزىن، سىكلوفوسفات قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى بار. چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن B تېرە ئاستىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە ۋە چاچلارنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، يۈز قىسمىدىكى قورۇقلارنى تەكشىلەپ، تېرىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن C بىر خىل ئاكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئوكسىدسىزلاش خاراكتېرلىك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، بەدەندىكى فىزىئولوگىيىلىك ئوكسىگېننى ئوكسىدسىزلاش جەريانىغا قاتنىشىپ، قارا پىگمېنتنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك چۆكۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى