ساغلاملىق

بالدۇر سۈنئىي چىش سالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

كۆپلىگەن كىشىلەر چىش تارتقۇزغاندىن كېيىن دەرھال سۈنئىي چىش سالدۇرمىغانلىقىغا قايغۇردۇ .چىش كەم بولسا پەقەت يېمەكلىكلەرنى چايناشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن بەلكى يەنە تەنگىمۇ پايدىسىز،ھەمدە ھۆسنىگە ،گەپ قىلشىغا ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ كىشىلەرگە بەلگىلىك روھى ئازاپ كەلتۈرىدۇ . ئەمىليەتتە چىشنى تاتقاندىن كېيىن دەرھال سۈنئىي چىش سالسا چىش كەمتۈك بۇلۇش باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ . دەرھال سۈنئىي چىش سېلىش دىگىنىمىز ، بىمار چىش تاتقۇزغاندىن كېيىنلا دەرھال سېلىنغان چىشنى كۆرسىتىدۇ . سۈنئىي چىش ھەم پۈتۈن ئېغىزغا ئىشلىتىلىدۇ .ھەم قىسمەن ئورۇنغا ئىشلىتىلىدۇ .ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئالدى بىلەن دەرھال ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي چىش ئىشلىتىپ نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن چىش تارتىلغان ئورۇننىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقىيىپ چىش ئوقۇر سۆڭىكىنىڭ سۈمۈرلىشى تۇراقلاشقاندا ئاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈنئىي چىش ياسىلىدۇ ، دەرھال سېلىنغان سۈنئىي چىشنىڭ تۆۋەندىكىدە پايدىسى بار :يۈزنىڭ تۆۋەنكى 3/1 قىسمىنىڭ سىرىتقى شەكلى ۋە يۈز مۇسكۇل قۇۋۇزتىل يۇمشاق يۇقۇلمىلىرى ۋە چىكە تۆۋەنكى جاغ بۇغۇمىنىڭ فىزىئولوگىيلىك ئورنىنى ساقلايدۇ .بىارنىڭ يۈز قىسمىنىڭ گۈزەللېكىنى ئاشۇرىدۇ ، بىمارنىڭ خىزمەت ۋە ئىجدىمائىي ھەركىتىگە پايدىلىق بولۇپ نورمال گەپ قىلىش ،چايناش فۇنكىسيىسىگە قولايلىق بېسىپ قان تۇختاتقاندا جاراھەت ئاسىراش يارىنىڭ تۇتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . دەرھال سېلىنغان سۈنئىي چىشنىڭ فونكىسيىلىك غىدىقلىشى چىش ئۇقۇرى سۆكىنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئاستىلىتىپ چىش ئۇقۇرى سۆڭىكىنىڭ شەكلىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك چىشنى ياساشقا پايدا يەتكۈزىدۇ .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى