ساغلاملىق

چىش ئاغرىغاندا ئاغرىق توختىتىش دورىسى يېمەسلىك كېرەك

چىش مىلىكى ياللۇغى، چىشنى قۇرت يېيىش، چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چىش ئاغرىيدۇ. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چىش ئاغرىسا كېسەلنىڭ سەۋەبى بىلەن كارى بولماي، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىشكە ئالدىرايدۇ. بۇنداق بولغاندا چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى ۋە ئەتراپىدىكى ساق چىشلاردىمۇ كېسەللىك پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چىش كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چىشتا كۆرۈلىدىغان ئەڭ ئادەتتىكى ياللۇغلار ۋاقتىدا داۋالانمىسا كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بالدۇرلا چىشنىڭ ئىقتىدارى يوقىلىش بىلەن بىللە يەنە يۈرەك كېسەللىكلىرى، قان – تومۇر كېسەللىكلىرى، بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى