ساغلاملىق

چىشنىڭ ساغلاملىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەك

چىشنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى بالدۇرراق بايقاش چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق.

چىشنىڭ قىزىرىپ، سارغىيىپ قېلىشى

چىشنىڭ قىزىرىپ قېلىشى، ئادەتتە، چىش مىلىكى قانىغانلىقتىن بولىدۇ، ئەمما ئاساسلىق سەۋەب ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىندۇر. مەسىلەن: بەدەندە ۋىتامىن Cكەمچىل بولسا ئاسانلا چىش مىلىكى يەللىكلىنىپ، چىش مىلىكى قاناش ۋە چىش مىلىكى ئىششىش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا چىش مىلىكى يوغىناپ ۋە ئۇزىراپ، يۇمشاق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، سەللا بېسىلسا قانايدۇ. ئىششىغان چىش مىلىكى چىش تاجىنى قاپلىۋېلىپ، سىرتقى يۈزى چىرىش، جاراھەتلىنىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىش قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە ئېغىز پۇرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ۋىتامىن C نى تولۇقلاش ھەم داۋالىتىش كېرەك.

چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشى، ئاساسلىقى، فتورلۇق چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن بولىدۇ. فتورلۇق چىش كېسىلى چىشنىڭ يېتىلىپ كالتسىيلىشىش دەۋرىدە ئادەم بەدىنى فتورنى زىيادە قوبۇل قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى تەبىئىي سۇلارنىڭ تەركىبىدە فتورنىڭ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئاسانلا شۇ رايونلاردىكى كىشىلەردە فتورلۇق چىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، چىشنىڭ سارغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار. مەسىلەن: تاماكا چېكىش، قېنىق چاي ئىچىش، قەھۋە ئىچىش، شۇنىڭدەك بەزى جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچىش قاتارلىقلار.

چىشنىڭ قارىداپ، قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قېلىشى

چىش بەزىدە قوڭۇر ياكى قارا رەڭگە كىرىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قۇرت يېگەن چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتۇر.

قۇرت يېگەن چىش تېيىز قۇرت يېگەن، ئوتتۇرا ھال قۇرت يېگەن ۋە چوڭقۇر قۇرت يېگەن چىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. دەسلەپتە چىش ئېمالىدا قوڭۇر رەڭلىك ياكى قارا قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولىدۇ ۋە چىشنىڭ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چىشنىڭ سىرتقى يۈزى بۇزۇلىدۇ. چىشلارنىڭ قوشنا يۈزىنى قۇرت يېيىش دەسلەپتە چىشلارنىڭ تېگىشىش يۈزىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنى ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. چىشنى ئوتتۇراھال قۇرت يېسە چىشنىڭ چىرىشى چىش ئاساسىي ماددىسىغا يەتكەن بولۇپ، چىش ئاساسىي ماددىسىدا تېيىز تۆشۈكچىلەر شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم سوغۇق، تاتلىق، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېسە چىشى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. لېكىن بۇنداق تەسىرلەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ئاغرىش دەرھال يوقىلىدۇ. چىشنى چوڭقۇر قۇرت يېسە چىرىش چىش ئاساسىي ماددىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يەتكەن، چىش يىلىكىگە يېقىنلاشقان ياكى چىش يىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاغرىقنىڭ چىشى سوغۇق، ئىسسىق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىقنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ. چىشنى قۇرت يېيىش، ئاساسلىقى، باكتېرىيە، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

چىش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. چىشنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاغرىشى، چىش مىلېكىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تۇرۇپ – تۇرۇپ ئاغرىشى، چىشنىڭ بوشاپ قېلىشى، چىش مىلېكىنىڭ ئىزچىل ئاغرىشى، چىشنىڭ قاتتىقراق نەرسىلەرنى چىشلىگەندە ئاغرىشى قاتارلىق ھەرخىل چىش ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سەۋەبلىرى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى