ساغلاملىق

شىمىشكا چاققاندا چىش ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك

دائىم ئۇدۇل چىش بىلەن شىمىشكا چاققاندا ، چىشىنى ئۇپرىتىپ ، ئۇدۇل چىشتا ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك كەلتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ . كىلىنكىدا بۇ خىل چىشنى ‹‹شىمىشكا چىش ›› دەپ ئاتايدۇ . 

    ئۇدۇل چىشتىكى ئۈچ بۇرجەك كەلتۈكلۈكنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى شىمىشكا چاققاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ‹‹شىمىشكا چىش›› نىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم ئەمەس ، ئۇدۇل چىش بىر قەدەر نېپىز ، قارشىلىق كۈچى ئاجىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فونكىسيەلىك كۈچكە ئۇچرايدىغان ئورۇن بولغاچقا ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس . 

    ‹‹شىمىشكا چىش ›› بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى: ئۇدۇل چىش بىلەن شىمىشكا چاقماي ، مەخسۇس شىمىشكا چېقىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىش ، قول بىلەن ئاجرىتىش ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئېزىق چىش ، ئەمما كۆپ چاقماسلىق كېرەك . ناۋادا ئۇدۇل چىشتا ئۈچ بۇرجەك كەلتۈكلۈك شەكىللەنگەن بولسا ، دوختۇرخانىغا بېرىپ چىشنى يامىتىش ، كەمتۈكلۈكنىڭ ئېغىرلىشىپ چىش مىلكىنى زەخمىلەندۈرۈشى ياكى چىشنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى