ساغلاملىق

چوڭلارنىڭ كېچىسى ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىشى كېسەللىكنىڭ بىشارىتى

كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغان ئەھۋال چوڭلاردىمۇ، بالىلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. بالىلاردىكىسى نورمال ئەھۋال بولۇپ، داۋالاش ھاجەتسىز. لېكىن چوڭلاردىكىسىنى داۋالاتمىسا بولمايدۇ.

چىش ئالمىشىش مەزگىلىدىكى بالىلار چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغان ئادەت بار. بۇ چىش ئالمىشىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. لېكىن چوڭلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىشى بىر خىل كېسەل، يەنى «چىش غۇچۇرلىتىش كېسىلى» دۇر. سىتاتىستىكىغا  ئاساسلانغاندا 1/3 قىسىم چىش كېسىلى بىمارلىرىدا «چىش غۇچۇرلىتىش كېسىلى» بولىدىكەن. بۇخىل كېسەلدە ئوتتۇرىدىكى چىشلار قىسقىراپ كېتىدۇ، ھەتتا نورمال چىشنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇپ قالىدۇ. چىشنى غۇچۇرلاتسا چىش يۈزىدىكى چىش ئېمالىنى ئۇپرىتىدىغان بولغاچقا، چىش ئېچىلىپ قېلىپ، ئىسسىق، سوغۇق، تاتلىق، ئاچچىق ياكى قاتتىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، زىيادە سېزىمچانلىق ھاسىل قىلىپ ئاغرىدۇ، ئېغىر بولغاندا چىش يىلىكى ياللۇغلىنىش، چىش يۈزى زەخىملىنىش، چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرى زەخىملىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بالدۇرراق داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى