ساغلاملىق

بالىلارنىڭ چىش پاستىسىنى چوقۇم مۇۋاپىق تاللاش كېرەك

بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ ئىغىز بوشلۇقنىڭ تۈزىلىشىدە ئالاھىدە پەرق بار بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق زەھەرسىز چىش پاستىسى تاللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنى بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قەتئىي بولمايدۇ. سەۋەبى چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل نوقسان بار.

1. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنىڭ سۈركىلىش قاتتىقلىقى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ چىشى ۋە چىش مىلېكىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

2. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىدىكى كۈچلۈك پۇراقنىڭ غىدىقلاش تەسىرى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىگە تەسىرقىلىدۇ.

3. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنڭ ئىشقارلىق ھەم دورىلىق تەسىرى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىللىرىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

4. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسى تەركىۋىدە فىتور ماددىسى يۇقىرى بولۇپ بالىلار بۇ چىش پاستىسىنى ئىشلىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتىۋەتسە زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا ئوماق پەرزەنتىڭىزگە قانداق چىش پاستىسى تاللىسىڭىز مۇۋاپىق جۇڭگودىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىگە باھا بېرىش ئورنىدىن 39بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بازارغا سېلىنىۋاتقان چىش پاستىللىرى ئىچىدە تۆۋەندىكى 8خىل چىش پاستىسىنىڭ بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ چىققان. ئۇلار؛(1)نائەيسى بالىلار ساغلاملىق چىش پاستىسى.  

(2) يۇسىجى بالىلار چىش پاستىسى.  

(3) تىيەنچى سۈت چىش قوغداش چىش پاستىسى.  

(4) خېيۋىي چ چ بالىلار چىش پاستىسى.  

(5) نىگىر بالىلار چىش پاستىسى.  

(6)گاۋلۇجى بوۋاقلار چىش پاستىسى.  

(7) پادىشاھ شېكەرلىك ئالكوگىل بالىلار چىش پاستىسى.

(8)شۇشىيا بالىلار ئالماس چىش پاستىسى .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى