ساغلاملىق

قۇرت يىگەن چىشمۇ ياكى چىرىگەن چىشمۇ

«قۇرۇت يىگەن چىش» كىشىلەرگە ھەرگىز ناتونۇش ئەمەس ، دوختۇرلار ئۇنى چىرىگەن چىش دەپ ئاتايدۇ. بىر قىسىم جاھان كەزدى دوختۇرلار«قۇرۇت يىگەن چىش»تىكى «چىش قۇرۇتى » نى ئالىمىز دەپ ساختىلىق قىلىپ ، ئېغىز بوشلۇقى ساۋاتلىرىنى بىلمىگەن كىشلەرنى ئالدايدۇ. ئۇنداقتا «قۇرۇت يىگەن چىش» نى راستلا قۇرۇت يىگەنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . قۇرۇت ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس ، ئىلمى تەتقىقاتلار ، ئىنسانلار ئېغىز بوشلۇقىنىڭ مۇرەككەپ بىر ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ئىكەنلىكى ، نۇرغۇنلىغان مىكرو جانلىق باكتىريەلەرنىڭ بارلىقنى ئىپادىلىدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى شەكىل ئۆزگۈرۈشچان زەنجىرسىمان شار باكتىريەسى نۇر چاچقۇچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار شۆلگەيدىكى قەنىت ئاقسىلدىن پايدىلىنىپ چىش يۈزىگ يېپىشىپ ، باكتىريە دېغىنى ھاسىل قىلىدۇ. باكتىريە دېغىدىكى شەكىل ئۆزگەرتكۈچى زەنجىرسىمان شار باكتىريەسى ئاساسلىق چىرىتكۈچى باكتىر ىيىدۇ. بۇ باكتىريەلەر ئۆزلىكىدىن كىسلاتا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى قالدۇق يېمەكلىكلەر بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ، كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. كىسلاتا چىشنىڭ سىرتقى يۈزىنى مىنرالسىزلاندۇرىدۇ. بۇنىڭغا بىئو خىمىيىلىك چىرىتىش قوشۇلۇپ چىشتا ئاستا- ئاستا كاۋاك شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ ئېيتىلىۋاتقان «قۇرۇت يىگەن چىش »دۇر.

چىش چىرىش ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى . تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە چىش چىرىشنىڭ نىسبىتى 90پىرسەنتتىن يۇقىرى ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە 50پىرسەنتت ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرلىماقتا . پۈتۈن دۇنيا ئاز دىگەندىمۇ 2-3مىليارد ئادەم چىش چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان . چىش چىرىش كېسىلىنىڭ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ۋە دۇنيا سەھىيە بايلىقىنى خورىتىشى زور بولغاچقا ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىش چىرىش كېسىلى راك ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسىلىدىن كېيىن تۇرىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى نوقتىلىق ئالدىنى ئالىدىغان ئۈچ چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى . شۇڭلاشقا بىز ئېغىز تازلىقىغا ئېتىبار بېرىشىمىز. ئىلىم پەنگە ، چىش چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك . پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىشىمىزنى ئاسرىشىمىز لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

Warning: mysqli_query(): (HY000/1194): Table 'albilik_postmeta' is marked as crashed and should be repaired in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-includes/wp-db.php on line 2056

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى