ساغلاملىق

خانىم-قىزلار تېرىسىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ تېرىسى تېزلىكتە قېرىپ، ئەۋرىشىملىكنى يوقىتىپ، قورۇق ۋە داغلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ناۋادا ئاياللار كۈتۈنۈش ۋە تېرە ئاسراش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىۋالسا، 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ تېرىسىنىڭ ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قالالايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا خانىم قىزلار تېرىسىنى ئاسراشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

يۈزنى يېنىك ئۇۋىلاپ يۇيۇش: ئاياللارنىڭ تېرىسى مەيلى مايلىق ياكى قۇرغاق ۋە ياكى نېيترال بولسۇن، يۈزنى يۇيغاندا يەڭگىل ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كېرەك. ناۋادا، يۈز تېرىسىنى كۈچەپ ئۇۋىلاپ يۇغاندا، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى يۇمشاق بوشىپ كېتىدۇ. يۈز يۇيۇشتىكى توغرا ئۇسۇل مۇنداق: يۈزنى ئىلمان سۇ ياكى تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى بىلەن يۇيۇش، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈزنى لۆڭگە بىلەن يەڭگىل بېسىپ سۈرتۈش، سۇ تەركىبىنى تولۇق قۇرۇتىۋەتمەستىن، بەلگىلىك دەرىجىدە نەملىكنى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك. يۈزنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىتى مۆتىدىل گىرىم بۇيۇملىرىنى يۈزگە سۈرۈۋېلىش كېرەك.

يۇيۇنغاندا بەدەننى سۈرتۈپ بېرىش: ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ بەدەن تېرىسى تەدرىجىي قۇرغاقلىشىپ يىرىكلىشىپ كېتىدۇ. بەزىلىرىدە ھەتتا تېرە قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ مەڭزى بويۇن ۋە بىلەك تېرىلىرىمۇ تەدرىجىي بوشىشىپ ساڭگىلاشقا باشلايدۇ. زىيادە ئورۇقلىغان ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ بوشىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، «30 ياشتىن كېيىنكى تەبىئىي ھۆسن تۈزەش پىلانى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئېلزابىت مادى مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار يۇيۇنغاندا بەدىنىنى سۈرتۈپ بەرسە تېرىدىكى قېرىپ قالغان مۈڭگۈز ماددىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، تېرىنى قارىماققا تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ. 

تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى قاچۇرۇۋەتمەسلىك: نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېلاندا دىيىلگەندەك تېرىنىڭ نەملېكىنى ئاشۇرمايدۇ بەلكى پەقەتلا سۇ تەركىبىنى يۈز ياكى بەدەندە ساقلاپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئاياللار يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بەدىنىنى سۈرتۈپ قۇرۇتۇۋەتمەسلىكى، تېرىنىڭ نەم ھالىتىنى ساقلىشى ھەمدە تېزدىن نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈۋېلىپ، تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى قاچۇرۇپ قويماسلىقى لازىم.

يېتەرلىك ئۇخلاش: يېرىم كېچىدە ئادەم تېرىسى ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاش ھالىتىگە كىرىپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى كۈندۈزگە قارىغاندا كېچىدە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان تېرىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولسا، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ، تېرىسى تېخىمۇ ساغلاملىشىدۇ، كۆز ئەتراپىدا قارا داغلار بولمايدۇ، خانىم-قىزلار ئاخشىمى گىرىمى بىلەن ئۇخلىماسلىقى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزنى پاكىز يۇيۇۋېتىشى كېرەك. يۈزگە قورۇق يوقىتىش مېيى ۋە كۆز مېيى سۈرۈۋالسا، كالپۇكىغا ئازراق ماي سۈرىۋالسا بولىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى يېرىم سائەت ئىچىدە تېلېۋىزور، كومپيوتېر دېگەندەك ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، ئۇنداق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ئادەم بەدىنىدىكى ئۇيقۇ ھورمىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر قىلىدۇ.

ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش: ئىلگىرى گىرىم قىلىشقا ئۆچ ئاياللار 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى باشلىشى لازىم، شۇنداق قىلغاندا يۈز تېرىسىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايدۇ. خانىم-قىزلار ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىشتىن ئىلگىرى يۈزگە تەكشى بىر قەۋەت ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش مېيى سۈرتىشى ھەمدە بىر بۆلەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم سۈرتۈش لازىم.

ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسىنى ئويلىشىپ قىلدۇرۇش: تېرە تارتىش ئوپېراتسىيىسى قارىماققا ئادەمنى تېخىمۇ روھلۇق كۆرسەتكىنى بىلەن، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ 3-8يىلدىن كېيىن تېرە ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بوشىشىپ كېتىدۇ. خانىم قىزلار كوللاگېن ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن، تېرىسىدىكى قورۇقلار ۋاقتىنچە يوقالسىمۇ، ئۈنۈمى ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. ئەكسىچە، زىيادە سەزگۈرلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا خانىم قىزلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش-قىلدۇرماسلىق ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىشى كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى