ساغلاملىق

بالىلارنىڭ ئۇيۇنچىقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ

ئامېرىكىدىكى بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىلىرى  يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى شۇنچە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . بالىلارنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەنگەن زىيادە كۆپ ۋە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئويۇنچۇق ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ناھايتى چوڭ زىيان سالىدۇ ، چۈنكى ئۇلار شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقنى كۆرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھەتتا ئەمەلىيەتكە چۆكۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ –دە ، بىر خىل ئويۇنچۇقنى ئويناش ، ئويناش داۋامىدا زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئويۇنچۇق ئويناشتىن بەلگىلىك بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ›› . 

ئەنگىلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كايسى شېرۋا ئىشلىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقات جەريانى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ . ئۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا 3000 دىن كۆپرەك بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى نىسبەتەن ئاز بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە بولىدىغان ، ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتاب ۋە ئېيتىپ بەرگەن ناخشىنى ئاڭلايدىغان ، ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان ۋاقىتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئاخىرىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى تاغدەك دۆۋىلەنگەن بالىلارغا قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى