ساغلاملىق

بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە

بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى يىگىلەپ قالىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو خەۋىرى. ياپونىيەنىڭ كۇماموتو ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بالىلىق مەزگىلىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتىدىكى ھەر بىر نۇقتىنىڭ تەخمىنەن .5 يىگلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

ياپونىيە ‹‹ توكيو خەۋەرلىرى ›› گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇماموتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى تومادا ئاكىرابى باشلامچىلىقىدىكى گۇرۇپپا ئامېرىكىلىق 1455 كىشى ئىچىدىن 18 25 ياشلىق 48 پىدائىينى تاللاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 15 كىشى بالىلىق چېغىدىن ياشلىق دەۋرى (ئۈچ يېشىدىن17 يېشىغىچە) گىچە دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان، قالغان 33 كىشى ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان. تەتقىقاتچىلار يادرو ماگنېتىك رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ پىدائىيلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە، دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغانلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى قاپقاق تاختا دەيدىغان بىر ئورۇندا يىگلەش بولغانلىقنى بايقىغان.

ياپونىيە بالىلارنى خورلاشقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، سىكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مىياموتا نوبو تەكىتلەپ، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانىسىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىشى ئۆزى زوراۋانلىققا ئۇچرىغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئائىلە زوراۋانلىقىدا بىۋاسىتە زەخىملەنگۈچىلا زوراۋانلىققا ئۇچراپ قالماستىن، يەنە ئەتراپتىكى كۆرگۈچىلەرمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا، زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئاياللار ‹‹ سەۋر قىلساق ئۆتۈپ كېتىدۇ ››، دەيدىغان قاراشنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى