ساغلاملىق

بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز

1.  بالىنى يۇمشاق سافا، كارۋاتتا ئۇخلاتماڭ. چۈنكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىنىڭ سۆڭىكى تېخى قاتمىغان بولغاچقا، ئاسانلا شەكىل ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ.

2. بالىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇخلاتماڭ. بۇنداقتا بالىنىڭ يېتىلىۋاتقان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، چۆچۆپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.

3. بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ ئۇخلاتماڭ. بۇنىڭدا يۇمشاق ئومۇرۇتقا سۈڭەك ئېگىلىپ قېلىپ نەپەس قىيىنلىشىدۇ. بىر قىسىم ئىچكى ئەزالار بېسىمغا ئۇچىرايدۇ.

4. بالىنىڭ بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاتماڭ. بۇنىڭدا ساپ ھاۋا يېتىشمەيدۇ.

5. بالىنى يوتقىنىڭزدا ياتقۇزماڭ. چۈنكى چوڭلارنىڭ تىنىقىدىن چىققان كېرەكسىز ھاۋادا بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ياكى كېسەللىك مېكىروبى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

6. بالىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاھارەت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ.

7. تىرناق، قېرىنداشلارنى چىشلەشتىن چەكلەڭ. بۇ تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ناچار ئادەت بولۇپ، بالا ئاسانلا كېسەللىك مېكىروبى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

8. چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. بۇ چىش ئاغىرىش ، چىشنى قۇرۇت يىيش، چىش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

9. تۇزسىزراق تاماق يىيشنى ئۆگۈتىڭ. بۇنىڭدا كېيىن، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپدار بولمايدۇ.

10. كۆزىنى ئۇۋىلاشتىن ساقلىنىشنى جېكىلەڭ. بولمىسا بالىڭىز كۆز ياللۇغلىنىش ۋە كۆز كېسەللىكىدىن خالىي بولالمايدۇ.

11.ئەتىگەندە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇڭ. تاماق تاللىمىسۇن، سەي، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپىرەك بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاشقازان كېسىلى، ھەر خىل ۋېتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن ساقلىنالايدۇ.

12. ئېغىزىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. بۇنىڭدا ئېغىزغا چاڭ-توزان، مېكرۇپ كىرىپ كېتىش ياكى چىش شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

13. قۇلاقنى تولا كولاشقا ئادەتلەندۈرمەڭ. بۇنىڭدا قۇلاق كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنالايدۇ.

14. چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنالايدۇ.

15. كەمپۈت، شاكىلات ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى كۆپ بەرمەڭ.

16. بۇرۇن كولاشتىن چەكلەڭ. بۇنىڭدا بۇرۇن قاناش، بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشلەردىن ساقلىنىدۇ.

17. پالەكنى ئاز بېرىڭ. كالتىسي يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

18. تېلېۋىزورنى ئاز ۋە توغرا كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۈڭ. شۇنىڭدا چارچىمايدۇ، يىراق-يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىدىن خالىي بولالايدۇ.

19. بەك نېپىز، بەك قېلىن كىيدۈرۈۋەتمەڭ. شۇنىڭدا ئاسان زۇكام بولمايدۇ، ئۆپكىگە سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنالايدۇ.

20. تۆمۈر، ئەسكى-تۈسكېلەرنى، مىخ يىڭنە قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئويناشتىن چەكلەڭ. ھەر خىل كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى