ساغلاملىق

بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسىراڭ

چىشنىڭ يېمەكلىكلەرنى چايناش رولى بولۇشتىن باشقا سۆزلەش ۋە يۈزنىڭ شەكلى توغرا بولۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ئەگەر چىش چۈشۈپ كەتسە يېگەن يېمەكلىكلەر ياخشى چاينىيالمايدۇ –دە، ھەزىم بولۇپ شۈمۇرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. كىچىكلىكتىن چوڭ بولغىچە ئىككى قېتىم چىش چىقىدۇ. بىرىنجى قېتىمدا چىققىنى سۈت چىش دەپ ئاتىلىدۇ. يەڭگۈشلىنىپ ئىككىنجى قېتىم چىققىنى تۇراقلىق چىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتە ئايلىق بولغاندىن تارتىپ سۈت چىشلىرى چىقىشقا باشلاپ، ئاستى ئۈستىدە جەمىئى 20 سى ئىككى ياش ئەتراپىدا چىقىپ بولىدۇ. ئالتە ياش ئەتراپىدا سۈت چىشلىرى ئالمىشىش باشلىنىپ، 12 ياش ئەتراپىدا تۇراقلىق چىشقا ئالمىشىش بولىدۇ. 18 ياشتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى ئېزىق چىش چىقىدۇ. بۇنى ئەقىل چىشى دەپمۇ ئاتايدۇ. لېكىن بەزىلەرگە ئەقىل چىشى چىقمايمۇ قالىدۇ. شۇڭلاشقا جەمىئى 28 دىن 32 غىچە تۇراقىلىق چىش بولىدۇ. قۇرت چىش (چىرىگەن چىش ) ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى ئېغىز بوشلۇقىدىكى  ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكېلەردىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ سىتاتسىتىكىلىق سانلىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى خىل كېسەللىك چىشنى تاتقۇزۇۋېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن 87 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن. بالىلىق ۋاقتىدا چىش ئاسانلا ياللۇغلىنىپ چىرىيدۇ. قۇرت چىش – چىشنىڭ باكتېرىيە سەۋەبى بىلەن بۇزۇلۇشى بولۇپ، ئەمەلىيىتتە چىشتا قۇرت بولمايدۇ. بىرەر نەرسە يېگەندىن كېيىن يېمەكلىك پارچىلىرىنىڭ بىر قىسمى چىش يوچۇقلىرى ياكى چىش يۈزىدە قالىدۇ. ئادەتتىمۇ ئېغىز بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا باكتېرىيلەر بولىدۇ. مەسلەن، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيلىرى، سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيلىرى. بۇ خىل باكتېرىيىلەر قالدۇق يېمەكلىكلەرنى ئېچىتىپ چىشنى بۇزالايدىغان كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. كىسلاتالار چىشقا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن چىشتا تۆشۈك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىشنىڭ مەلۇم يەرلىرى چىرىشقا باشلايدۇ. سۈت چىشلىرنىڭ كالتسىيلىشىشى تۇراقلىق چىشلاردىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭلاشقا سۈت چىشلىرى ئاسانلا چىرىيدۇ. يېڭىدىن چىش چىرسە دەسلەپتە سېزىلمەيدۇ. چىشتىكى تۆشۈكلەر تەدرىجىي يوغىنىغاندىن كېيىن ئىسىسق – سۇغۇق، ئاچچىق – تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئاغرىش ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالانمىسا يەنە تەرەققى قىلىۋەرسە چىش يىلىكى ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. كېچىسى ياكى كۈندۈزى تۇيۇقسىزلا تۇتۇپ – تۇتۇپ ئاغرىيدۇ، ئېغىرراق ئاغرىسا يۈزلىرى ئىششىپمۇ قالىدۇ. قىزىتىدۇ. باكتېرىيىلەر ۋە باكتېرىيە زەھەرلىرى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدا كېسەللىك پەيدا قىلىپ، سارامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا چىرىگەن (قۇرت يېگەن )چىشنى چۇقۇم بالدۇرراق داۋالىتىش كېرەك.

سۈت چىش بۇزۇلسا داۋالىتىش لازىممۇ – يوق؟ بىر قىسىملار: ‹‹سۈت چىشى ئاخىرى چۈشۈپ ئالمىشىدۇ، ئازراق كېسەل بولسا داۋالىمىسىمۇ كارائىتى يوق›› دەپ تۇنۇيدۇ. بۇ خىل تونۇش ئەلۋەتتە خاتا. سۈت چىشلىرى بالىلىق ۋاقىتتىكى يېمەكلىكلەرنى چايناپ بېرىدىغان مۇھىم ئەزا. ھەمدە سۈت چىشلىرى ئاسانلا چىرىيدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالاتمىسا تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە چىشنىڭ رەتلىك چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چىرىگەن چىش ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆپ تەرەپتىن دىققەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئىغىز بوشلۇقى پاكىزلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش. چىش پاكىزلېكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. ئېغىز بوشلۇقى پاكىزلىكى ياخشى بولمىسا چىشنىڭ يۈزى، بولۇپمۇ چىش يېرىقلىرىدا قالغان يېمەكلىكلەر باكتېريىلەرنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپ، چىشنىڭ چىرىشى بىلەن چىش يىلتىزىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئېغىز بوشلۇقى پاكىزلىكىگە رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلار ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياكى بالىلار باغچىسىدىكى تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنۋېلىش لازىم. بەزىلەرنىڭ تەجرىبە قىلىپ ھسابلاپ كۆرۈشىچە ئېغىز چايقىغان بىر كۇپ سانتىمېتىر سۇ ئىچىدە 10 مىڭدىن 50 مڭغىچە مىكرو ئورگانىزىملار بارلىقىنى سەزگەن. مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولىدۇ. چۈنكى كېچىسى ئۇخلىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەيلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ئازىيىپ، چىشنى يۇيۇش رولى تۆۋەنلەيدۇ. باكتېرىيلەر كۆپلەپ كۆپىيەلەيدۇ – دە، ناھايىتى ئاسانلا چىشنى چىرىتىپ بۇزىدۇ. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم چىشنى چوتكىلاپ ئېغىزدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى يۇيۇپ تازىلىۋەتسە ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيىلەر ئىنتايقن ئازىيىدۇ. شۇڭلاشقا چىشنىڭ چىرىش ۋە ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىشنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۈنىگە ئىككى قېتىم ئەستايىدىل چوتكىلاپ يۇيۇش لازىم. بالىلارمۇ ئۈچ ياشتىن باشلاپ ئەتىگەن، كەچتە چىش يۇيىدىغان، تاماقتىن ئېغىزنى چايقايدىغان ياخشى ئادەتنى ئۆزلەشتۈرۈش لازىم.

بەزىلەر چىشنى چوتكىلاپ كۈندە يۇيۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا چىشى چىرىپ بۇزۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب: چوتكىلاش ئۇسۇلى ۋە چوتكىنى تاللاشنىڭ نامۇۋاپىق بولغانلىقدا. بالىلارغا چىشنى توغرا چوتكىلاش يەنى تىك چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش لازىم. چۈنكى چىشمۇ تىك ئۆسكەن بولۇپ، تىك چوتكىلىسا ئاندىن چىش ئارىلىرىدىكى قالدۇق يېمەكلىكلەرنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۈستۈنكى چىشلارنى ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىنقى چىشلارنى ئاستىدىن ئۈستىگە چوتكىلغاندا چىش پاكىز بولىدۇ. باكتېرىيىلەرمۇ ھەم يېمەكلىكلەر قالدۇقى چىرىپ كىسلاتا پەيدا قىلىدىغان پۇرسەتمۇ ئازىيىدۇ. چىش كۆپلەپ ئۇپراپ كەتمەيدۇ. چىش مىلىكى ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ قارشىلىق كۈچى كۈچىيىدۇ. چىش چوتكىسى تاللىغاندا يوغان باشلىقنى تاللىماي، بەلكى مەخسۇس لايىھىلەنگەن ‹‹ساقلىقنى ساقلاش چوتكىسى››سېتىۋېلىش لازىم.

چىش پاستىلىرى ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. چىش پاستىلرىغا مەلۇم مىقداردا فىتورلۇق ماددىلارنى قوشسا چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېخىمۇ پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا بالىلانى غىزالىنىشتا ياخشى ئادەتكە كۆندۈرۈشىمىز لازىم. تاماق تاللىماي يېڭى كۆكتات ۋە يەرلىك ئاشلىق (قوناق) تامىقىنىمۇ مەلۇم مىقداردا يېيىشلىرى لازىم. بۇلار تەركىبىدە كالىسىي فوسفۇر، فىتور ۋە باشقا مۇھىم ۋىتامىنلار بار بولۇپ، چىش ۋە بەدەن ئۈچۈن پايدىلىق. بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇقچە كەمپىت، قەنت ۋە پېچىنىلەرنى بەرمەسلىك، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كەمپىت، قەنت يېمەسلىكى كېرەك. كەمپىت شۈمۈپ ئۇخلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى تاتلىق نەرسە چىشتا بىر كېچە تۇرسا باكتېرىيىلەر ئۆسۈپ يېتىلىپ چىشنىڭ چىرىپ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىۋرتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا چىشلار رەتلىك ئۆسكەن بولۇپ، يۇقىرى تۆۋەن چىشلار چىشلەشكەن بولىدۇ. ئۈستىنكى چىش سەل پەل تۆۋەنكى چىشنى بېسىپراق تۇرىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال.بىر قىسىم بالىلارنىڭ چىشلىرى رەتسىز بولۇپ، بەزى چىشلىرى  بىر يەرگە قىستىلىۋالىدۇ. بەزىلىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن چىشلىرى نورمال چىشلەشمەيدۇ. مەسلەن، يۇقىرى تۆۋەن چىشلىرى چىشلەشكەندە تۆۋەنكى چىشلىرى سىرتىغا چىقىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىر نەرسە يېگەندە ئالدىنقى چىشلارنىڭ بورمىل چايناش رولى جارى بولمايدۇ، چايناش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. شۇنداقلا تۆۋەنكى چىشلار ئۈستنىكى ئالدىنقى چىشلارنىڭ بورمال ئالدىغا ئۆسۈشىنى توسۇۋېلىپ، نەتىجىدە بالىنىڭ يۇقىرى كالپۇكى ئىچىگە، تۆۋەن ئىڭىكى ئالدىغا چىقىپ قالغان قىياپەت شەكىللىنىپ قالىدۇ، ۋاقىتلار ئۇزارغانسىرى بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدىنقى چىشلار نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ ھەمدە سۆز قىلغاندا ئاغزىدىن يەل قاچىدىغان، سۆزلىرى ئېنىق چىقمايدىغان ھادسىلەر يۈز بېرىدۇ. چىشنىڭ رەتسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە يەسلىدىكى تەربىيلىگۈچىلەر بالىلارنىڭ ئېغز پاكىزلىكىگە دىققەت قىلىشلىرى، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشلىرى لازىم. قۇرت يېگەن چىش بولسا، بالدۇرراق داۋالىتىش لازىم. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالاتمىسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ-دە، بۇزۇلغان سۈت چىشنى تارتىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاستىدىكى تۇراقلىق چىش تېخى چىقىش ۋاقتىغا توشمىغىنى ئۈچۈن تارتىۋەتكەن سۈت چىشنىڭ بوشلۇقىنى ئىككى ياندىكى چىشلار ئاستا –ئاستا قىستايدۇ. تۇراقلىق چىش چىقىشقا باشلىغاندا بوشلۇق يەتمەيدۇ، نەتىجىدە تۇراقلىق چىش قىيپاش ئۆسىدۇ ياكى ئىچى-تېشى رەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بەزى چىش ئالمىشىدىغان ۋاقىتلاردا تۇراقلىق چىش چىقىشقا باشلىسمۇ، لېكىن سۈت چىشلار چۈشۈپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە يېڭى ئۆسۈپ چىقىۋاتقان تۇراقلىق چىش ئىچى ياكى سىرتى تەرىپىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ – دە، چىشنىڭ رەتسىزلېكىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تېخى چۈشمىگەن سۈت چىشنى تاتقۇزۇپ ئېلىۋېتىش كېرەك. بالىلارنىڭ چىشى ئالمىشىش مەزگىللىرىدە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بارماقلىرىنى يالاپ شۈمىدىغان، قېرىنداش، سىزغۇچلارنى چىشلەيدىغان يامان ئادەتلەرنى چەكلەش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا چىشلار رەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بىر تەرىپىدىكى چىشنىڭ قۇرت يېگەن يېرى بولسا، غىزا يېگەندە ئاغرىشتىن قورقۇپ ئۇزۇن زامانلارغىچە ساق تەرىپىدىلا يېمەكلىكنى چاينايدۇ، نەتىجىدە ئىككىلا تەرەپ يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ ئۆستۈرۈش تەرەققىياتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر بالىلاردا سوزۇلما خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى بولۇپ دائىم بۇرنى (دىمىقى) پۈتۈپ ئاغزى بىلەن بەپەس ئالسا، ۋاقىت ئۇزارغانسىېرى ئىككى تەرەپ جاۋغىيى جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، چىشلىرىنى ئالدىغا قىستايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى چىشلارنىڭ رەتسىزلىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇمەن بالىلار ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز ساقلايدىغان ئادەتكە كۆنۈش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىشلىرىنى چۇقۇم چوتكىلاپ يۇيۇشلىرى لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى