ساغلاملىق

بالىلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

ئانىنىڭ سۈتى گەرچە ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بالىنى ئۇزۇن ۋاقتىلارغىچە ئەمگۈزگىنى بولمايدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئوزۇقلۇققا بولغان تەلەپ ئېھتىياجى نىسپىي ھالدا كۆپىيىدۇ. ئەگەر بالىنى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئېمىتمىسە، بولۇپمۇ ئۆز ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قۇشۇپ بەرمىسە بالىدا ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىك كېسىلى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بالىنىڭ ئىشتىيى تۆۋەنلەپ، بەدىنى ئاجىزلاپ باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭلاشقا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا چۇقۇم ئۆز ۋاقتىدا سۈتتىن ئايرىش كېرەك. بەزى ياش ئانىلارنىڭ بالىنى سۈتتىن ئايرىشتا تەجىربىسى يوق بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، ئەمچىكى ئۈستىگە رەڭ سۈرتۈپ ياكى لازا سۈرتۈپ قويۇپ، بالىنى قورقىتىش ئارقىلىق سۈتتىن ئايرىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بەزى بالىنىڭ ئانىسى بىر نەچچە كۈن بالىدىن يىراقراق يەرگە ۋاقتىنچە ئايرىلىپ كېتىپ، بالىنىڭ سۈت ئېمىش ئادىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. بوۋاق تېخى نورمال ئېمىتىش باسقۇچىدا تۇرغاندا تۇيۇقسىز سۈتتىن ئايرىۋېتىپ يېمەكلىككە ئۆزگەرتىپ باقسا، دەرھال ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ. بەزى بالىلاردا ھەزىم قىلىش ياخىشى بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا ئىچى سۈرۈپ ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتى قالايمىقانلىشىدۇ. بەزى بالىلار تاماق يېيىشكە ئۇنىمايدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ سۈتتىن يەنىلا ئايرىيالمايدۇ. ئادەتتە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن بالىنى سۈتتىن ئايرىش ئۇسۇلى -تەدرىجىي ھالدا ئايرىشتىن ئىبارەت. ئىككى ئايلىق بولغاندىن باشلاپ بوۋاققا سۈت ئارىلىقىدا گۈرۈچ شىرنىسى قوشۇپ بېرىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بوۋاقلارغا ئۈچ ئايلىق بولغاندىن باشلاپ ئېزىلىپ پىشقان شوۋىگۈرۈچ قوشۇپ بېرىش، بەش ئايلىق بولغاندىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا تۇخۇم سېرىقى، كۆكتات شورپىسى قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش لازىم. 6-8 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ كۈنىگە بىر قېتىملىق ئېمىتىشنى ئازايتىپ ئورنىغا باشقا يېمەكلىكلەرنى بېرىش، كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئېمىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش لازىم. ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىپ بېقىشنى پۈتۈنلەي تۇختىتىش لازىم. ئادەتتە بالىنى سەككىز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئايرىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى بالا تۇغۇلۇپ 8 ئايلىققىچە بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئۇزۇقلۇققا باي ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم. سەككىز ئايلىقتىن كېيىن يالغۇز ئانا سۈتگىلا تايىنىپ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بالىنى ئانا سۈتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، كالا سۈتى ۋە يېمەكلىك بىلەن باقسا بولىدۇ. ئايرىم رايونلاردا كالا سۈتى ياكى سۈت ئورۇندىكى باشقا نەرسىلەر كەمچىل بولسا قۇشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە كۈنىگە بىر ياكى ئىككى قېىتم ئانا سۈتىنى ئېمىتىشنى بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە چۇقۇم سۈتتىن ئايرىش كېرەك. بالىنى سۈتتىن ئايرىشقا ئەتىياز ياكى كۈزدىكى ھاۋانىڭ سالىقىن ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى