ساغلاملىق

بالىلارنىڭ زىيادە كۆپ ئۇخلىشى زىيانلىق

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر سوتكىسىغا ئۇخلاش ۋاقتى 9 سائەت، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 سائەت بولىدۇ. ئەگەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بۇ چەكتىنمۇ ئېشىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ، ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇيقۇ تۈگۈنى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەمما باشقا تۈگۈنلەر ئاللىقاچان كونترول ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئويقۇ تۈگۈنى چارچاپ كېتىدۇ ـ دە، باشقا تۈگۈنلەرنىڭمۇ كونترول قىلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئاستىلاپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق بالىلار ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئۆزىنى گالدا ــ گۇلدۇڭ ۋە روھسىز ھېس قىلىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ مەزگىلدە تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولىدۇ. مانا بۇ، بالىلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى ‹‹چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى››نى پەيدا قىلىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى