ساغلاملىق

بالدۇر تۇغۇلۇش

ئاي كۈنى توشۇشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلۇش بالدۇر تۇغۇلۇش دېيىلىدۇ. 

سەۋەبى: بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدا ئاساسەن تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بولىدۇ: 

1. ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى.

2. باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىشى ياكى بالا ھەمرىيىنىڭ تەتۈر ئورۇنلىشىپ قېلىشى.

3. قوشكېزەك ياكى ئۈچ كېزەك ھامىلدارلىق.

4. ئېغىر سوزۇلما كېسەللىكلەر. مەسىلەن: ئېغىر ئۆپكە سىلى، يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ئادەتلەنگەن بالدۇر تۇغۇلۇش، ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش قاتارلىقلار. 

5. قان ئازلىق. 

6. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قىزىتمىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى. 

7. بالىياتقۇ ئىچىگە ئۆسكەن غەيرى گۆش. 

8.تۆرەلمىنىڭ غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىشى. 

9.ھەرخىل زەھەرلىنىش.

10. قاتتىق چارچاش ۋە ھەرخىل زەربە تەسىرىدىن زەخىملىنىشلەر سەۋەبىدىن بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ. 

ئالامىتى: بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا ئاساسەن تۆۋەندىكى بەلگىلەر بولىدۇ. 

1. تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن: بالىلار قانچە بالدۇر تۇغۇلغان بولسا تېرىسىدىكى قورۇق شۇنچە كۆپ، تىرناقلىرى يۇمشاق بولىدۇ. گەۋدىسىدىكى ھامىلە تۈكلىرى ئۇزۇن، باش قىسمىدىكى تۈكلەر شالاڭ ۋە قىسقا بولىدۇ، تېرىسى بوش ۋە يۇمران كېلىدۇ. 

بالدۇر تۇغۇلغان ئوغۇلنىڭ ئۇرۇقدىنى تېخى ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشمىگەن، بالدۇر تۇغۇلغان قىز بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىكى دىلچىق چوڭ ۋە قېلىن، چوڭ جىنسىي لەۋلىرى تولمىغان بولىدۇ. 

2. بەدەن پائالىيىتى جەھەتتىن: بەدىنى تېز قىزىپ، تېز سۇۋۇيدىغان، ئوڭاي يۇقۇملىنىدىغان بولىدۇ. نەپەسلىنىش تېز ۋە ئۈزە بولۇپ، بەزىدە تەرتىپسىز نەپەسلىنىدۇ. يىغىسى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، گېلىدىكى شىلىمشىقلارنى چىقىرىش تەس بولغاچقا، ئوڭايلا كۆكىرىپ كېتىدۇ. ئىمىش ۋە ئەمگەن سۈتنى يۈتۈشى ئاجىز بولىدۇ، ئوڭايلا قېقىلىپ كېتىدۇ. ئىچى سۈرۈلىدۇ ۋە قورسىقى كۆپىدۇ، شۇڭا ئوڭايلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قالسا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۆرىكى تولۇق يېتىلمىگەنلىك سەۋەبتىن سۈيدىكىمۇ نورمال بولمايدۇ. بەزىلىرى ئوڭايلا راخت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بەدىنى ئاجىز بولغاچقا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: بالدۇر تۇغۇلغان بالىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش، بالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش، زۆرۈر تېپىلسا داۋالاش لازىم. 

بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنلا پەرۋىشنى باشلاش كېرەك. ئالدى بىلەن بالا تۇغۇلغان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئىسسىتىش ئارقىلىق بالىنى سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقلاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىنىڭ ئېغىزى بۇرۇنلىرىنى پاكىزە تازىلاپ، نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇمشاق يۆگەككە يۆگەپ ئىسسىق ساقلاش لازىم. 

پەرۋىش قىلىشتا ئىنچىكە ھەم سەۋرىچان بولۇش. ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئېغىر كەلمىگۈدەك، بەدەن ئېھتىياجى قامدالغۇدەك ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. تاماق يېگۈزۈش، ئىمىتىش، يۇيۇندۇرۇش، زاكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بەكمۇ سىلىقلىق ۋە بالىغا سوغۇق تەگكۈزۈپ قويماسلىق شەرتى بىلەن ئورۇنداش لازىم. ئىككى كىلوگرامدىن كىچىك بالىلارنى يۇماسلىق، تۇغۇلۇپ تۆت سائەتتىن كېيىن بەدەندىكى ھامىلە بۇلغىمىلىرىنى ئىسسىتىلغان كۈنجۈت يېغى ياكى بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن پاختا بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىش لازىم. بىر قېتىمدا بولمىسا ئەتىسى يەنە مايلاپ سۈرتسە بولىدۇ، ئەگەر بالا بەك ئاجىز بولسا تازىلىمىسىمۇ بولىدۇ. 

بالدۇر تۇغۇلغان بالىنىڭ بەدىنى ئاجىز بولغانلىقتىن، ئوڭاي يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ھەممە ئامالنى قوللىنىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بالا ياتقان ئۆيگە كېسەل ئادەم كىرمەسلىكى، ھەممىلا ئادەم قولىغا ئېلىۋەرمەسلىك لازىم. بالىنى ياتقۇزغاندا ھەمىشە بىرخىل ياتقۇزۇۋەرمەي ھەر قېتىم ئېمىتكەندىن كېيىن، يېتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، كۆپرەك ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتقۇزۇش لازىم. 

ئالدىنى ئېلىشتا ھامىلىدارلارنى ئاسراش، ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش، بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى بېرىش كېرەك. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقنى بوۋاقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئېمىتىش، ئارتۇقچە ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇق تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىق، ئەمچەكنى پاكىز تۇتۇپ ئىمىتىش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇراسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى