ساغلاملىق

بوۋاقلاردىكى جىنسىي يول قاناش

بۇ خىل قاناش بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە  يۈز بېرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە جىنسىي يولدىن كەلگەن قان زاكىنى ئازراقلا بۇيايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قىزىتما بولمىسا ياكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا بىرەر كېسەللىكتىن گۇمان قىلىنمىسا بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. 

ئەگەر قان توختىمىسا سەدەپ ۋە بىخ مارجاننى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە ياكى خېنە ئۇپىسىنى سېپىپ بەرسە بولىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 

قۇۋۋەتلىك، ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى بېرىش، ئانىسىنى يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش لازىم. 

ئانا دورا يېگەن مەزگىلدە بالىنى ئېمىتسە بولىدۇ، لېكىن ئانا ۋە بالا پەرھىز قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى