ساغلاملىق

بالىلاردىكى تولغاق

بۇ كېسەللىك خىلىتلارنىڭ كۆيۈشى ياكى مىكروبدىن پەيدا بولىدىغان تېز ۋە ئۆتكۈر ئۈچەي يولى كېسەللىكىدىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: تولغاق مىكروپلىرى ئۈچەيگە تەسىر قىلىپ، ھەزىمنى بۇزۇش سەۋەبىدىن يۇقۇملۇق ۋە تارقىلىشچان تولغاق پەيدا بولىدۇ. بۇزۇلغان ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن سۈت ئىمىتىش، چىرىگەن يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش قاتارلىقلاردىن ئۈچەي ئىچىدىكى شۆلگەيسىمان سۇيۇقلۇقتىن زەھەرلىنىش بىلەن تولغاق كۆرۈلىدۇ. بەزى بالىلاردا نەزلە سۇيۇقلۇقنىڭ ئۈچەيگە قۇيۇلۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ، بۇ نەزلىلىك تولغاق دېيىلىدۇ. 

ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، كۆيگەن سەپرا، بەلغىمى شور قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىمۇ تولغاق پەيدا بولىدۇ. بەزى بالىلاردا خىلتسىز ئىسسىقلىقنىڭ تەسىر قىلىش سەۋەبىدىنمۇ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە يوللار ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك تېز باشلىنىدۇ، قىزىيدۇ، ئارقا تەرەت قېتىم سانى بىر كۈندە 10 قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە كېلىدۇ. تەرەت چاپلاشقاق سۇيۇقلۇق، يىرىڭ ۋە بەزى بالىلاردا قان ئارىلاش كېلىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ھۆ بولىدۇ. سۈت ۋە تاماقنى ياندۇرىدۇ. قورساق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، كۆيگەن سەپرادىن بولغان تولغاقتا بالا داۋاملىق قىزىيدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، سۈيدۈكى قىزىل كېلىدۇ، تومۇر تېز ۋە ئىنچىكە سالىدۇ، قورسىقى قاتتىق ئاغرىيدۇ. داۋاملىق ئىنچىقلاش ۋە ئارامسىزلىنىش ھېس قىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ تەرىتى يىرىڭ ئارىلاش شىلىمشىق كېلىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا تەرەت ئارىلاش ياكى قېنىق قىزىل قان بىلەن كېلىدۇ، بەلغىمى شور سەۋەبتىن بولغىنىدا بالىنىڭ قورسىقى داۋاملىق ئېسىلىدۇ. بوشراق ئىنجىق بىلەن قورساق ئاغرىيدۇ، ئاق ياكى كۆك رەڭلىك ۋە ياكى پوتلىدەك شىلىمشىق تەرەت كېلىدۇ. بالا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ، چىرايى تاتىرىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. قىزىتما يۇقىرى بولمايدۇ، تومۇرى بوش سالىدۇ. جاراسىم سەۋەبىدىن بولغان تولغاقتا تېز ۋە ئۆتكۈر قىزىتما كۆرۈلىدۇ، قاتتىق ھۆ بولۇپ قۇسىدۇ، تەرىتى چىدىغۇسىز ئىنجىق ۋە قان ئارىلاش كېلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى:بالا پاكىز، ھاۋالىق ئۆيدە بېقىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتكۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: زىختىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىلغان سۈيىگە 10 گرام ئىسپىغۇل چىلاپ ئېزىپ، لۇئابىنى چىقىرىپ، بالىغا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە، ئىچ سۈرۈشكە ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: كۈدە ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ھەببۇلئاس بىلەن قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بېرىلسە قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: يۇمغاقسۈت كۆكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئىسسىقتىن بولغان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: تۇرۇپ ۋە ھەسەلدىن 50 گرامدىن ئېلىپ تۇرۇپ سۈيىگە ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلدۇرۇپ بېرىلسە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

5-رېتسىپ: رەيھان ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلاپ ئەھۋالغا قاراپ كۈندە بىر-ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا تەرىتىدە قان ۋە يىرىڭ كېلىش، تولغاق، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

6-رېتسىپ: ئانار پوستىدىن 60 گرام ئېلىپ 200 گرام سۇدا قاينىتىپ تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتېردىن ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئىسسىقتىن بولغان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

7-رېتسىپ: تەرخەمەك پىلىكىدىن 31 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرگەندە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

8-رېتسىپ: يىمىش جىگدىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئايرىلغان مېۋە قىسمىدىن 30 گرام، موزىدىن ئالتە گرام، ئاق شېكەردىن 90 گرام ئېلىپ بىر قاچا قېتىق سۈزمىسىگە ھەر قېتىمدا توققۇز گرام ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ بوۋاق ۋە ئۆسمۈرلەرگە يېرىم قوشۇقتىن بىر قوشۇقچە، چوڭلارغا بىر يېرىم قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلدۇرۇلسا قان تولغاق خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش ۋە قىزىتما ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

9-رېتسىپ: قۇرۇتۇلغان زەنجىۋىلدىن 31 گرام ئېلىپ، زەنجىۋىلنى سۇ بىلەن ئۆرۈك مېغىزىچىلىك چوڭلۇقتا كومىلاچ ياساپ، ھەركۈنى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئۇزاققا سوزۇلغان تولغاققا شىپا بولىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: لىمون شەربىتى، تولغاق سوفۇپى، سوفۇپى سەژگىدانە، شەربىتى زىرىق قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تۆت-بەش قوشۇق گۈرۈچنى چالىراق يۇيۇپ، شىرنىسىنى چىقىرىۋەتمەي، رەخت خالتىغا سېلىپ قوينىڭ ئىچى يېغى ياكى جىگىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا موزا، ئاقمۇچ، زىرە، پىننىلەرنىڭ تالقىنىدىن بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ سۇدا پىشۇرۇپ يېگۈزۈشنى داۋام قىلسا ئىچى سۈرۈش ۋە ياندۇرۇشنى توختىتىدۇ. قورۇلغان يەللىك تاماقلاردىن ۋە مېۋە-چىۋىلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى