ساغلاملىق

سۇ چېچەك

بۇ بالىلاردا يەڭگىل ئۆتىدىغان بالىلارنىڭ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدىغان تارقىلىشچان شەكىلدە ئۆتىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك تارقىلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ بالىلارنىڭ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، يۇقۇمچانلىقى بەك كۈچلۈك، ساق بالىلار سۇ چېچەك چىققان بالىلارغا يېقىنلاشقاندىن كېيىنلا ناھايىتى ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. 

سۇ چېچەك گەرچە ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ كېسەلنىڭ يۇقىشىدا مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى خىلىتلار ۋە كەيپىياتتىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى مۇھىم ئامىلدۇر. يەنى بالىلار تېنى ئاجىزلاشقاندا سۇ چېچەك جاراسىمى ئوڭايلا يۇقۇپ بالىدا بۇ كېسەللىك سادىر بولىدۇ. 

ئالامىتى: دەسلەپتە زۇكامغا ئوخشاش بەلگىلەر كۆرۈلۈپ، باش ئاغرىش تاماق يېگۈسى ۋە ئەمگۈسى كەلمەسلىك، يەڭگىل قىزىش بولۇپ بىر ئىككى كۈندە قىزىتمىسى يانىدۇ. كېسەل بولۇپ، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن تېرىلەرگە تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قىزىل سوقىچاق ئەسۋە چىقىدۇ. ئەسۋە دەسلەپتە يۈز ۋە چاچ گىرۋەكلىرىگە تەدىرىجىي ھالدا مەيدە دۈمبىلەرگە تارقاق ھالدا چىقىدۇ. كېيىنچە پۇت، قوللارغىمۇ چىقىدۇ. بىراق سانى ئازراق بولىدۇ. ئالقان ۋە تاپانغا چىقىدىغىنى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. ئىككى-ئۈچ ئەتراپىدا ئەسۋە تېخىمۇ چوڭىيىپ، ماشتەك، پۇرچاقتەك سوقىچاق سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىش، بىرەر ھەپتە ئىچىدىلا قاپارمىلار قۇرۇپ قاقاچلىنىش ۋە قاقاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: قان تازىلاش، قىزىتما قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا بېرىلىدۇ. 

كېسەللىكنىڭ ئۈچ-تۆت كۈنلىرىگە بارغاندا ھەركۈنى ياكى كۈن ئارىلاپ قاينىتىلغان يىلمان سۇ بىلەن پۈتۈن بەدەننى يۇيۇندۇرۇش لازىم. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: قىزىل سەندەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇ بىلەن تاشقا سۈرۈپ قاقاچ ئۈستىدىن ھۆل سەندەل سۈرۈلمىسىنى چېپىپ قۇرغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇندۇرۇپ بېرىلسە قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئەفتىمۇن ۋە چىلاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئەفتىمۇننى قاينىتىپ سوۋۇغاندا يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ چىلاندىن كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە قان تازىلايدۇ. 

3-رېتسىپ: چىلاندىن ئۈچ گرام، قىزىل لوۋىيادىن 10 گرام، ئاقلانغان بىخسۇستىن ئىككى گرام، ئاق لەيگىگۈلدىن بىر گرام ئېلىپ، دورىلارنى 300 مىللىلىتېر ئەرقى شاھتەررىدە قاينىتىپ ئۈچتىن بىرى قالغاندا ئۈستىدىن 10 گرام نېلۇپەر شەربىتى ۋە ئۈچ گرام خاكشى قوشۇپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە قاننىڭ قىزىقلىقىنى پەسەيتىپ قىزىتما چۈشۈرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورلار بىلەن داۋالاشتا:  چىلان شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى، ئەرقى شاھتەررە، ھەببى شاھتەررە، ئەرقى گاۋزىبان، خېمىرى مەرۋايىت، شەربىتى بادرەنجخ بۇيا قاتارلىق دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كېسەل بالىنى ئايرىپ بېقىپ، ساق بالىغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. قېتىق، پوستى ئاجرىتىپ پىشۇرۇلغان ماش، خام قاپاق، پالەك، ئازراق ناۋات سېلىنغان قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ بېرىلىدۇ.ئاچچىق ۋە مايلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى