ساغلاملىق

قۇلاق ئاستى بەز ياللۇغى

بۇ قۇلاق يۇمشىقى ئاستىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بىر جۈپ بەزنىڭ ياللۇغلىنىشى بولۇپ، كۆپىنچە يۇقۇملۇق بولىدۇ. ئاساسەن كىچىك بالىلاردا قىسمەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا يۈز بېرىدۇ ھەمدە ئۆرى ئىچىدە بىر قېتىملا ئاغرىيدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك باشلىنىپ ساقايغۇچە بولغان جەرياندىكى ئالامەتلەر ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. دەسلەپكى دەۋردە كېسەللىك 10-20 كۈنگىچە يوشۇرۇن ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىماردا قىزىتما پەيدا بولىدۇ، بالا ھالسىزلىنىپ بوشىشىدۇ، تاماق خالىمايدۇ، كېسەللىك ماددىسى قايسى تەرەپتىكى بەزدە بولسا شۇ تەرەپتىكى قۇلاق تۈۋى ئىششىپ قالىدۇ. ئىككىنچى دەۋرگە كەلگەندە مەزمۇر ئىششىق ئېغىرلىشىپ، قۇلاق ئاستى ۋە ئارقىسى ئىششىيدۇ، ئىششىق گەدەن ۋە بويۇنغا تارقىلىدۇ، ئاغرىش ۋە قىزىتما كۈچىيىپ، تەدرىجىي ھالدا يەنە بىر قۇلاق تۈۋىدىكى بەزلەردە ئىششىش، كۆى ئېچىشىش، تاماق يېيىش، سۆزلەش قاتارلىقلاردا توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك قويۇق، رەڭگى قارامتۇل ياكى قىزغۇچ كېلىدۇ. ئۇيقۇدىن جۈيلۈپ ئويغىنىدۇ. تىل ئۈستىگە قارامتۇل سېرىق گەز پەدا بولىدۇ. بۇ ھالەت بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋام قىلىدۇ. ئۈچىنچى دەۋردە ئىششىق تەدرىجىي يېنىشقا باشلايدۇ. قىزىتما تۆۋەنلەيدۇ. بەزى بالىلاردا ئىششىق يانماي، يىرىڭداپ ئېغىز ئالغاندىن كېيىن قۇسۇش پەيدا بولىدۇ. بەزى بىمارلاردا قۇلاق ئاقىدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلار پاڭ بولۇپ قالىدۇ. قان بۇزۇلۇشتىن بولغىنىدا قۇلاق ئاستى بېزى ئىششىق بىلەن بىرگە ئاغرىش، قىزىرىش، كۆيۈشۈش، تومۇرلار ئېسىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە تىلنى سېرىق گەز باغلايدۇ. سۈيدۈكى سېرىق رەڭدە كېلىدۇ، بەلغەم خىلتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولغىنىدا ئىششىق ئاق رەڭلىك بولۇپ، سىلىقلاپ تۇرىدۇ. قىزىرىش ۋە ئېچىشىش بولمايدۇ. تومۇرى بوش ۋە ئاجىز سالىدۇ. سۈيدۈكى ئاق رەڭلىك كېلىدۇ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدادىن بولغىنىدا كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ خاس ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە سانجىلىپ ئاغرىش ۋە ئىششىق كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ ئۇيقۇسى ئاز بولۇپ تولا يىغلايدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: قىزىتما ياندۇرۇش، قان تازىلاش، ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا  بىلەن داۋالاش:  

1-رېتسىپ: ھۆل يەرلىك شوخلا مېۋىسىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرگەندە ياللۇغ قايتۇرىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئوسما ياكى ئوسما يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. قىزىتما قايتۇرىدۇ. 

3-رېتسىپ: بىنەپشە ۋە ئاق لەيلىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ شومشا سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ  يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرگەندە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

4-رېتسىپ: ئۇشەق ياكى زىغىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

5-رېتسىپ: تۇخۇم ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ گۇلاپ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

6-رېتسىپ: كۆك يۇمغاقسۈتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قارا كىشمىش ئۈزۈم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

7-رېتسىپ: يۇمشاق سوقۇلغان باقىلە ۋە شومشىنى ياكى ئىسپىغۇل لۇئابىنى سىركە ياكى گۈل يېغى بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىپ ساغلام ئايالنىڭ سۈتى قۇلاققا تېمىتىپ بەرگەندە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

8-رېتسىپ: يىلان پوستىدىن ئالتە گرام، ئىككى دانە توخو تۇخۇمى ۋە تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ مايدا قورۇپ ئاز-ئازدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە يەل كۆيدۈرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

9-رېتسىپ: چاياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا بىر دانىدىن ئۇدا ئىككى كۈن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە قۇلاق ئاستى بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

10-رېتسىپ: ئاق لەيلىگۈلى يەرلىك شوخلا ۋە خىيارشەنبەر مېغىزىدىن 10 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۆك شوخلا يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىدە خېمىر قىلىپ ئىششىق ئۈستىگە چېپىپ بېرىلسە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ. 

11-رېتسىپ: ئۈنجۈر مۇنىكىدىن تۆت دانە ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئۈستىگە 25 گرام بۇغداي ئۇنى، 12 گرام زەيتۇن يېغى قوشۇپ پىشۇرۇپ يىلمان ھالەتتە ئىششىققا چېپىپ بېرىلسە ئىششىقنى يۇمشىتىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

12-رېتسىپ: سازاڭ قۇرتىدىن ئالتە-يەتتە دانىغىچە ئېلىپ بىر قوشۇق شېكەر قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ سىرتىدىن چېپىپ بېرىلسە (ئېغىرلىرىدا يۇقىرىقىلار بىلەن بىللە ئوسما يىلتىزىدىن 30 گرام، ئۈنگۈر شىپادىن 20 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، كاككۇك گۈلى ۋە نېلۇپەرنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرام ئېلىپ قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ 10 مىللىلىتىردىن كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچكۈزۈلىدۇ)، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا:  شەربىتى بىنەپشە، ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى شوخلا، خېمىرى گاۋزىبان، مەتبۇخى ئەفتىمۇن، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر، ئىترىفىل ئۇستىقۇددۇس، ئەرقى شاھتەررە، قارا ئۈجمە شەربىتى، ئىترىفىل كەشنىز قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان سىڭىدىغان تاماقلاردىن ئارپا ئېشى، كۆكتات شورپىلىرى، كاكچە نان قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. كالا گۆشى، تۇخۇم، لازا ۋە ئاچچىقسۇدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى