ساغلاملىق

بالىلار تۇتقاقلىق كېسىلى

بۇ بالىلارنىڭ ھوشىدىن كېتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

سەۋەبى: ھەزىم بۇزۇلۇش، قورساق ئېسىلىش، ئارقا تەرەت قېتىپ، داۋاملىق قەۋزىيەت بولۇش، سوزۇلما ئىچى سۈرۈش، قورساقتا مەددە قۇرت پەيدا بولۇش، قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ نېرۋىغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بالىلاردا مېڭىگە قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش، دوۋساققا تاش چۈشۈش، نېرۋا مىزاجى بەك ئاجىزلاپ كېتىش كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك دەسلەپتە يېنىك باشلىنىدۇ، تۇتقاندا قاتتىق ئۇيقۇ كەلگەندەك بولىدۇ. كۆز قارىسى يۇقىرىغا تارتىپ، يۈز گۆشى تارتىشىدۇ. ئېغىز چۆرىسى يۇمىلاق شەكلىدە كۆكىرىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا ھەر قېتىم تۇتقاندا چىرقىراش بىلەن ئايلىنىپ كېتىدۇ. ھەممە ئەزانىڭ پەيلىرى تارتىشىپ قاتىدۇ. قول بارمىقىنىڭ ئۇچى ئالدىغا ياكى ئارقىغا ياكى ئىككى يان تەرەپكە قېيىپ ئىگىلىپ قالىدۇ. كۆز ئېقى ئۈستىگە تارتىشىش بىلەن كۆپلەپ ياش ئاقىدۇ. كۆز قاپىقى تارتىشىپ كېيىن ئېچىلىپ قالىدۇ. چىرايى دەسلەپتە قىزىرىپ، ئارقىدىن كۆكۈرىدۇ. ئېغىزدىن كۆكۈش رەڭدە كۆپۈك كېلىدۇ. تومۇر تېز، ئىنچىكە، ئاجىز سالىدۇ. ئالدى-ئارقا ت ەرىتى كېسەل تۇتقاندا ئىختىيارسىز مېڭىپ كېتىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئۈچ مىنۇتتىن ئالتە مىنۇتقىچە داۋاملىشىپ يانىدۇ. بەزى بالىلاردا قاتتىق ئۇزۇن بىر تىنىپ، ئاندىن پەيلىرى بوشاپ ھوشىغا كېلىدۇ. بەزىلىرى كېسەل قويۇپ بەرگەندە بىر نەرسىدىن قوققاندەك بولۇپ ھوشىغا كېلىپلا كۆپ يىغلاپ ئۇخلاپ قالىدۇ. بەزىلىرى تۇيۇقسىز يۈرىكى سېلىپ تەرگە چۆمۈپ ھوشسىزلىنىپ ياتىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: تىنىچلاندۇرغۇچى، نېرۋىنى كۈچەيتكۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. كېسەل تۇتقان ۋاقىتتا بالىنىڭ پۇت-قولىنى مەھكەم تۇتۇۋېلىش، ئالقىنىنى ۋە تاپىنىنى يىرىك نەرسىلەر بىلەن ئۇۋىلاش ھەمدە ئارتۇق مىدىرلاتماسلىق كېرەك. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: گۈل يېغى ياكى مەستىكى يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئىسسىق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، بەدەنگە سۈرتۈپ بېرىلسە تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

2-رېتسىپ: بالىنىڭ بېشىغا ئانىسىنىڭ سۈتىنى سېغىش ياكى شۇ سۈت بىلەن داكا ياكى پاختىنى ھۆل قىلىپ، باشنىڭ چوققىسىغا قويۇپ بەرگەندە، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسەلگە مەنپەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: ئۇد فاۋانىيانى كۆيدۈرۈپ بۇرنىغا دۇت بېرىلسە ياكى يۇمشاق سوقۇپ بۇرنىغا پۇرۇتۇپ بېرىلسە ھوشىغا كېلىدۇ. 

4-رېتسىپ: سۇمبۇل، قارىمۇچ، سىيادان ۋە ئىپاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىپاردىن باشقىلىرىنى تالقانلاپ، ئىپارنى قوشۇپ كىچىك شېشىگە ئېلىپ، داۋاملىق پۇرىتىپ بېرىلسە مېڭىنى قىزىتىپ بالىلار تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ تۇتۇشىنى ئازايتىدۇ. 

5-رېتسىپ: ئوغرى تىكەندىن ئالتە گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچكۈزسە، تۇتقاقلىق كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

6-رېتسىپ: چاياندىن 30 گرامنى قورۇپ سوقۇپ تالقانلاپ 20 گە بۆلۈپ 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ھەركۈنى بىر قېتىم، بىر بۆلەكتىن ئاچ قورساق ۋاقىتتا شوۋىگۈرۈچكە قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە تۇتقاقلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

7-رېتسىپ: چېكەتكىنى تۇتۇپ، ساپال قاچىغا سېلىپ ئوتتا قويۇپ قۇرۇتۇپ، بىر قېتىمدا ئىككى چېكەتكىنى سوقۇپ تالقانلاپ شېكەر قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە تۇتقاقلىق كېسىلى ئۇزاققا قالماي ساقىيدۇ.

8-رېتسىپ: توشقاننىڭ پەنىر مايسىسىدىن بىر گرامنى ئۈزۈم سىركىسىدە ئېزىپ ئىچكۈزۈلسە تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ تۇتۇشىنى توختىتىدۇ. 

9-رېتسىپ: قورۇلغان تەنكاردىن بىر گرام ئېلىپ ئانىنىڭ سۈتىدە ئېزىپ، 10 مىللىلىتېر بەدىيان ئەرقىدە ئارىلاشتۇرۇپ ئىككىگە بۆلۈپ ئىككى سائەت ئارىلىق قالدۇرۇپ بالىغا ئىچكۈزۈلسە تۇتقاقلىق كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

10-رېتسىپ: بالىنىڭ بوينىغا قۇندۇز قەھرىنى ئېسىپ، بۇرنىغا سۇمبۇل سېلىپ چۈشكۈرتۈلسە توسالغۇلارنى ئېچىپ ھوشىغا كېلىدۇ. 

11-رېتسىپ: ئېشەك قۇرتىنى گەجگە ئويمىنىدا ئېزىپ ئۆلتۈرۈپ سۈرتۈلسە تۇتقاقلىق كېسەللېكىنىڭ تۇتۇشىنى توختىتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: مەجۈنى ماددەتۇلھايات، مەجۈنى نۇجاھ، مەجۈنى سەرئى، ھەببى سەرئى، خېمىرى ئەۋرىشىم، ھەببى لاجىۋەرد قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلدىغان ئىشلار: ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. يەنى جۈچە گۆشى شورپىسىغا بادام مېغىزى سېلىپ نان بىلەن يېگۈزۈلىدۇ. 

ئۇد سەلىب، لاچىندانە ھىندى، ئۇستىقۇددۇس، بادرەنج بۇيا، دارچىن، سۇمبۇل قاتارلىقلاردىن چايلىق تەييارلاپ ئىچكۈزۈلىدۇ. 

ئۆچكە، كالا ۋە ئات گۆشلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. ئانىغا ۋە بالىغا كەرەپشە ۋە زىرە قاتارلىقلار بېرىلمەيدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى