ساغلاملىق

بالىلاردىكى تارتىشىپ قېلىش

 بۇ بالىلارنىڭ پەي ياكى مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ يىغىلىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

سەۋەبى: 

1. ئۆتكۈر يۇقۇملۇك كېسەللىكلەر ياكى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىن پەيدا بولىدۇ. 

ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىكى ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر نەتىجىسىدە بالىنىڭ بەدىنىدىكى نەملىك كۆپ چىقىپ كېتىپ سۇسىزلىنىدۇ ۋە قورۇلىدۇ. نەتىجىدە پەيلەرگە قۇرۇقلۇق يېتىپ تارتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 

2. قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلىشى نەتىجىسىدە تارتىشىپ قالىدۇ. 

3. زەھەرلىك ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشى نەتىجىسىدىمۇ تارتىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. 

4. ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق، مېڭىنىڭ ھەرخىل ياللۇغلىرى، بەزى يىرىڭلىق كېسەللىكلەرنىڭ زەھىرى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ تارتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 

5. قەۋزىيەت، ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇيقۇسىزلىق، قاتتىق يىغلاپ تېلىقىش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: تارتىشىپ قېلىش مىزاجنىڭ قۇرۇقلۇقى سەۋەبلىك بولغاندا ئاستا-ئاستا باشلىنىدۇ، بۇ كۆپىنچە قاتتىق قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن كېيىن ياكى بىرەر ئۆتكۈر ئازابلىنىشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: قاتتىق قورقۇپ كېتىش، بۇرنى قاناش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بەدەندىن سۇيۇقلۇق يوقۇتۇش ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن ياكى قىزىتمىلىق كېسەللەردە كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا باشلىنىدۇ. 

تارتىشىپ قېلىش قىزىتمىلىق كېسەللەرنىڭ ئەسەبلەرنى زەخىملىشى ياكى پەيلەرنى قىسقارتىۋېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا قىزىتما يۇقىرى پەللىگە چىققاندەك ھالغا كېلىدۇ. بۇ خىل تۈرى كىچىك بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

ئەگەر تارتىشىپ قېلىش، قەۋزىيەت، ئۇيقۇسىزلىق ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان بولسا شۇ كېسەلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرى ۋە قەۋزىيەت، ئۇيقۇسىزلىق تارىخى بولىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: قىزىتما پەسەيتىش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: چاياندىن 0.5 گرام، پىلە قۇرتىدىن توققۇز گرام، سازاڭدىن ئالتە گرام، تىيەنمادىن ئۈچ گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە بالىلاردىكى تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: توم زەنجىۋىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن سۈزۈپ تەييارلاپ بالىنىڭ پەي تارامۇشلىرىغا ۋە بۇرنىغا سۈرۈپ ئۇۋىلاپ بېرىلسە بالىلاردىكى تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: بىنەپشە يېغى ياكى بادام يېغىنى ئىسسىتىپ غول ئومۇرتقىلىرىغا سۈركەپ بەرگەندە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ. 

4-رېتسىپ: داۋاملىق قەۋزىيەت بولۇش ۋە سەرسام قاتارلىق كېسەللەردىن بولغىنىدا بىنەپشىدىن 10 گرام، بەدىياندىن ئالتە گرام، سانادىن ئۈچ گرام، تەرەنجىبىن ۋە تاتلىق بادام مېغىزىدىن 10 گرام ئېلىپ دورىلارنى قايناقسۇغا بىر سائەت چىلاپ، سىقىپ، قېلىن داكىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈچ گرام بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا ئىچكۈزۈلسە ئىچىنى بوشىتىدۇ، تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا:1. لوئوقى بادام.  2. تارتىشىش بالىنىڭ كۆپ  يىغلىشىدىن بولغان بولسا خېمىرى خەشخاش. 3.مۇپەررىھى ئەۋرىشىم. 4. بادام مەرۇزەسى.

ئەگەر بالىنىڭ ھۆل سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولسا بالىنىڭ پەي تارامۇشلىرى زەيتۇن يېغى، قۇستە يېغى، ئىلمەك پۇشتىن يېغى قاتارلىقلاردا ياغلىنىدۇ ھەمدە ئانىسىغا ماددەتۇلھايات يېگۈزۈلىدۇ. 

5. شەربىتى بىنەپشە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: پاقلان گۆشى، ئوغلاق گۆشى، تۇخۇم سېرىقى شورپىسى قاتارلىقلارنى بېرىش، تامىقىغا ئاز-ئازدىن بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. چۈجە گۆشى شورپىسىغا ئالدى بىلەن تۇخۇم سېرىقىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن مېغىز ۋە ئۈزۈملەرنى سېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بىر ئۆرلىتىپ تەييارلاپ، بالىغا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇق ئىچكۈزۈلىدۇ. ئانىسىغا ئىچكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. مىزاجنى قۇرۇقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى