ساغلاملىق

بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى

بۇ بالىلار ئۆپكىسىنىڭ پۈتۈن قىسمى ياكى بىر تەرەپ ئۆپكىسىنىڭ يېرىم ياكى مەلۇم بۆلەكلىرىدە يۈز بېرىدىغان ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ. 

1. مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى: مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى خىلت ئېتىبارىدىن ئالغاندا بەلغەم خىلىتى سەۋەبىدىن مىزاج بۇزۇلۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بەزىدە قان ۋە سەپرانىڭ بۇزۇلىشىدىنمۇ بولىدۇ. ئەمما سەپرانىڭ بۇزۇلىشىدىن بولىدىغىنى ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. مىزاج بۇزۇلغانلىقى تۈپەيلىدىن بەلغەم نەزلە بىلەن قوشۇلۇپ، ئۆپكىگە قۇيۇلۇپ ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ. 

2. باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى: كۆپىنچە زۇكام، قىزىل، كۆك يۆتەل، يۆتەل كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن بەدىنى ئاجىزلىشىپ تۇرغان مەزگىلدە ئاسانلا بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىيدۇ. 

3. پەسىل ۋە ھاۋا ئۆزگىرىشى: بۇ كېسەل كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، سوغۇق ۋە شامال كۆپ بولىدىغان مەزگىلدە تەن قۇرۇلۇشى ئاجىز، بەدىنى ئوبدان تەرەققىي قىلمىغان بالىلار ئاسانلا زۇكامدايدۇ ۋە ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بەزى تېنى ساغلام، ئۆزى سېمىز بالىلارمۇ ئىسسىق، سوغۇق ئارىلاش مەزگىللەردە ئوڭايلا ئۆپكىسىگە سوغۇق تەگكۈزىۋالىدۇ. 

4. ئوزۇقلىنىشى ۋە تازىلىق شارائىتى: ئوزۇقلىنىش ناچار بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ، ئولتۇراق ئۆينىڭ ناچار بولۇشى، تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، تازىلىقنىڭ ناچار بولۇشى، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشى، كۈن نۇرى، ساپ ھاۋانىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆپكە يۇقۇملىنىپ ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: دەسلەپتە زۇكام ۋە يۆتەل بولۇش بىلەن يەڭگىل قىزىتما بولىدۇ، كېيىن قىزىتمىسى تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. لېكىن بۇ قىزىتما تۇراقلىق بولماي، بەزىدە تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. بەزىدە تۆۋەنلەيدۇ. يۆتەل دەسلەپتە قۇرۇق بولۇپ بەلغەم كەلمەيدۇ، بەزىدە كۆپ قېتىم يۆتەلگەندە ئازغىنا بەلغەم كېلىدۇ. يۆتەل بارغانسېرى كۈچىيىپ بالىنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ. بەلغەمدىن بولغىنىدا كۆكسىدە غىژ-غىژ ۋە دەم سىقىش ئېغىر بولىدۇ، لېكىن قىزىتمىسى نىسبەتەن يېنىك ئۆتىدۇ. ئەمما ئىسسىقتىن بولغانلىرىدا قىزىتما يۇقىرى بولۇپ كۆپ ئۇسسايدۇ. تامغاقلىرى قۇرۇپ، تىللىرىنى قېلىن گەز باغلاپ، چىرايى قىزىرىپ كېتىدۇ. يۆتەل كۈچلۈك ئەمما كالتە-كالتە بولىدۇ. نەپەس ئالغاندا بۇرۇن قاناتلىرىنىڭ كىرىلىشى ھەمدە قوۋۇرغا ئاستى ۋە ئاشقازان ئاستى ساھەلىرىنىڭ نەپەس ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى، كالپۇكلىرىنىڭ كۆكىرىپ كېتىشى بىلەن ھاۋايى نەسمىي يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى بۇ كېسەلنى تونۇشتىكى ئاساسلىق مۇھىم بەلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاغرىق بالىنىڭ تومۇرى بارغانسېرى تېزلىشىدۇ، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ، نەپسى تېز ۋە ئىنچىكىلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ياللۇغلىنىش ئۆپكىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدا بولسا، كۆكرەكنىڭ ئارقى قىسمى تاغاق ئارىسى ئاغرىقانلىقتىن زارلىنىدۇ. ئۆپكىنىڭ قايسى تەرىپى ياللۇغلانغان بولسا شۇ تەرەپتە ئېغىرلىق سېزىلىدۇ. بەزىدە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ھادىسىسىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلاشقاندا جۆيلۈش، ئەقلى ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش، بوشىشىپ كېتىش، بەزىدە تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالانمىسا ئۆلۈم كېلىپ چىقىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، قىزىتما ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: بابۇنە، ئىكلىمىلىك، ئاق لەيلىگۈلى، بىنەپشە ۋە ئارپا ئۇنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ كۆكرەككە چېپىپ بەرسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

2-رېتسىپ: كۈدە يۇپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: بىھى ئۇرۇقى ياكى گۈلى بىنەپشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاشتا: مەتبۇخى مۇلەييىن نۇسخىسى، لوئوقى كەتان، لوئوقى زۇپا، ئەرقى شوخلا، ئەرقى گاۋزىبان، لوئوقى خەشخاش قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئىمىتىۋاتقان ياكى يېڭىدىن ئەمچەكتىن ئايرىغان بالىلارغا سۈت ۋە تۇخۇم شورپىسىغا ئوخشاش تېز سىڭىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تاماقلارنى بېرىپ، گۆش، ياغ ۋە مېۋە-چىۋە، شىرنىلىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى