ساغلاملىق

بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىقى

بۇ بالىلاردىكى ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ھەزىم بۇزۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئانا سۈتىنىڭ قۇۋۋەتسىز، خام بولۇشى، بالا ئىمىتىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە بىر بالىغا ھامىلدار بولۇشى، بالىنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇق مىقدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بالىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، قورسىقى ئېسىلىش، تومۇرى ئاجىز سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: بىھى سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۈچ-تۆت تال قەلەمپۇرنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا يالىتىلسا ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

2-رېتسىپ: توخو تاشلىقىنىڭ ئىچىدىكى سېرىق پوستىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، شېكەر بىلەن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق يېگۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

3-رېتسىپ: گۇلابتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئازراق قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ چىلاپ، قاينىتىپ سۈزۈۋېتىپ سۈيىگە شېكەر سېلىپ ئىچكۈزۈلسە ئاشقازاننى قىزىتىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

4-رېتسىپ: پىننىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيى ئىچكۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

5-رېتسىپ: مەستىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئازىراق قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ چىلاپ، قاينىتىپ سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ ئىچكۈزۈلسە ئاشقازاننى قىزىتىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

6-رېتسىپ: سۈتتىن 100 مىللىلىتىر ئېلىپ، ئۇنىڭغا 30 گرام ساپ ھەسەل سېلىپ، ئېرىتىپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئاشقازاننىڭ ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئاجىزلىشىشىغا مەنپەت قىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: سوفۇپى تەرياقى ئەتفال، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى پىننە، ئانار شەربىتى، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: پىننە، زىرە، پىلپىل، دارچىن، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ پاقلان گۆشى ياكى چۈجە گۆشى قاتارلىقلاردا شورپا قىلىپ نان بىلەن يېگۈزۈلىدۇ. كالا گۆشى، لازا، تۇخۇم قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى