ساغلاملىق

كىچىك بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش

ئىچى سۈرۈش چوڭ تەرەت قېتىمىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە تەرەتنىڭ سۇيۇقلىشىپ كېتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى: 1. چىش چىقىش ۋاقتىدىكى ئىچى سۈرۈش: بوۋاقلار يېڭى چىش چىققان ۋاقىتتا چىش گۆشىنى يېرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئېغىز ئىچى ۋە تاڭلاينىڭ پۈتۈنلۈكى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن بەدەنلىك ئىنكاس تۈپەيلىدىن، ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى چىش چىقىش جەريانىدا چىقىۋاتقان چىش ئورنىدا قىزىرىش ئىششىش پەيدا بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ياللۇغلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ياللۇغلىنىش جەريانىدا ھاسىل بولغان يىرىڭ ۋە چىرىگەن سۇيۇقلۇقنى بالا ئۆزى يۇتۇپ سالىدۇ-دە، بۇ خىل يېقىمسىز يات ماددىنى بالا ئاشقازىنى قوبۇل قىلالماي ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چىش چىققان بالىلار نەرسە-كېرەكلەرنى غاجاشقا ئامراق بولغانلىقتىن، مىزاجىغا ماس كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى يەپ قېلىش بىلەنمۇ ئىچ سۈرۈش چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بالىلارغا چىش چىقىش مەزگىلىدە ئىچى سۈرۈش كۆرۈلگەندە، قولنى ياكى باشقا نەرسە كېرەكلەرنى چايناشقا ئىنتىلىدۇ، بىئارام بولىدۇ. يېگەن نەرسىلەر ئارقا تەرەتتىن سۇيۇق ھالەتتە چىقىپ كېتىدۇ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغاندا، ئىچى سۈرۈش بىلەن بىللە ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ، تېز ئورۇقلايدۇ، بەزى بالىلاردا كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشى بىلەن چوڭ تەرەتتە قان ئارىلاش كېلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما، چىش چىقىش ۋاقتىدىكى ئىچى سۈرۈشكە ئالاھىدە دورا قىلىش ھاجەتسىز، كۆپىنچە ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: زىرە، رۇم بەدىيان ۋە كەرەپشە ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ خالتىغا سېلىپ قورساققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسە بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

2-رېتسىپ: قورۇلغان سېمىز ئوت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىنىڭ بىر قىسمىنى خالتىغا ئېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

3-رېتسىپ: ئىسپىغۇلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ لۇئابىنى ئىچكۈزۈپ بەرگەندە بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

4-رېتسىپ: ئەگەر قىزىتمىسى بولمىسا قورۇلغان سېمىز ئوت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ مەسكە ماي بىلەن يېگۈزسە، قىزىتمىنى پەسەيتىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

5-رېتسىپ: ھۆل تۇرۇپ يوپۇرمىقىدىن 33 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە يەل ھەيدەپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

6-رېتسىپ: زىختىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ قېتىقنىڭ زەرداپ سۈيىگە زىخنى سىقىپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

7-رېتسىپ: سوقۇلغان موزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قېتىق سۈزمىسى بىلەن بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

8-رېتسىپ: سېمىز ئوت ئورۇقى، قىيمىقو ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئانار گۈلى، ئانار ئۇرۇقى ۋە پىننە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ بېھى ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل ۋە شومشا قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن ئالتە گرامدىن ئېلىپ قايناقسۇدا ئىزىپ لۇئابىنى چىقىرىپ، يۇقىرىقى تالقان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ 30 گرام قەنت قوشقاندىن كېيىن بالىغا ئىچكۈزۈلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

9-رېتسىپ: تاباشىردىن 50 گرام، بىھى شەربىتىدىن 100 مىللىلىتېر، گۈلقەنتتىن 60 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، بالىغا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىچكۈزۈلسە ئىچ سۈرۈشنى، قورساق ئاغرىشنى، ھۆ بولۇشنى پەسەيتىدۇ.

10-رېتسىپ: ئاشقازان مىزاجى بۇزۇلۇشتىن ئىچى سۈرۈلسە، پىننە گۈلقەنتى، جاۋارىش كومۇنى، مەجۈنى مۇقەۋۋى مەئىدە قاتارلىق دورىلارنى ئاز-ئازدىن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە يۇمشاق سىڭىشلىك تاماق بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش كومۇنى، مەجۈنى مۇقەۋۋى مەئىدە، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئامىلە، جاۋارىش سەپەرجىلى، سوفۇپى تاباشىر قابىز، قۇرسى تاباشىر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سۇيۇق-سەلەڭ تائاملار بېرىلىدۇ. يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن ۋە مېۋە-چىۋىلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى