ساغلاملىق

بالىلارنىڭ سۇڭى چىقىپ قېلىش

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ تەرەت قىلغاندا ئىنجىقلاش نەتىجىسىدە توغرا ئۈچەي ئارقا تەرەت يولىدىن سىرتقا چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە ئەمچەك يېشىدىكى بالىلاردا ۋە گۆدەك بالىلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. 

سەۋەبى: بالىلارنىڭ مەقئەت ئېغىزىدىكى تۇتۇپ تۇرغۇچى مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاچقا قاتتىق يىغلاش، قاتتىق يۆتىلىش، ئىچى قېتىشتىن ئىنجىقلاپ تەرەت قىلىش سەۋەبىدىن مەقئەت سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ. بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئاجىزلىق، ماددىلىق ھۆل سوغۇقلۇقنىڭ غالىپلىقى سەۋەبىدىن توقۇلمىلار بوشىشىش، داۋاملىق قەۋزىيەت بولۇش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش، ئۈچەيدە مەددە قۇرت پەيدا بولۇش، يۇقۇملۇق تولغاقنىڭ ئاسارىتى قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ سوڭى چىقىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: مەقئەت مۇسكۇللىرى بوشىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغاندا بالىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ ئىچى سۈرسە، يۆتەلسە، يىغلىسا، قاتتىق ھەرىكەتلەنسە مەقئەت چىقىۋالىدۇ. ئاغرىش، ئېچىشىش بولمايدۇ، بېسىپ قويسا كىرىپ كېتىدۇ. يەللىك مەقئەت چىقىۋېلىشتا ئاغرىش، قىچىشىش پەيدا بولۇپ، بالا تولا يىغلايدۇ. سەپرادىن بولغان يۇقۇملۇق تولغاق سەۋەبلىك مەقئەت چىقىۋېلىشتا مەقئەت ئىچىگە كىرىپ كەتمەيدۇ. بالا بىئارام بولىدۇ. ئىنجىق، قورساق ئېچىشىش، ئۇسساش، بەزى بالىلاردا قىزىپ ھالسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: زەمچىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ سۇدا يۇغۇرۇپ پاختا شاركىنى چىلاپ، بالىنىڭ مەقئىتىگە تېڭىپ قويۇلسا يەرلىك ئورۇننى قورۇيدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: تۇخۇم سېرىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پاكىز قارا يۇڭغا مىلەپ، مەقئەت ئۈستىگە كۆيمىگۈدەك قىزىق ھالدا تېڭىپ بېرىلسە سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: ئاقاقىيا ۋە بىھى قاينىتىلمىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىلمىسىنى ھەمەل قىلىپ موزا ئۇۋۇقىنى سېپىپ ۋە نەملەپ تېڭىپ بېرىلسە يەرلىك ئورۇننى قورۇيدۇ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: ئانارگۈلى، ئانار پوستى ۋە ئاچچىق ئاناردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئانارگۈلىنى سوقۇپ تېڭىپ، ئانار پوستى قاينىتىلمىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئاچچىق ئانارنى پۈتۈن قىسمى بىلەن ئىزىپ قاينىتىپ شۇ قايناتمىدا كۆيمەس ھالدا ئولتۇرغۇزۇلسا يەرلىك ئورۇننى قورۇيدۇ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

5-رېتسىپ: كۈچلۈك تاۋلانغان تۆمۈر ۋە پولاتنىڭ داغمال سۈيىدە قايتا-قايتا ئولتۇرغۇزۇلسا ۋە 12 گرام زەمچىنى بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ بېرىلسە سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: مەجۈنى ئازاراقى، مەجۈنى خۇبسىلھەدىد، ئىترىفىل سەغىر، مەجۈنى كۈندۇر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەڭگىل، سۇيۇق تاماقلارنى ۋە كۆكتاتنى كۆپ يېگۈزۈش لازىم. 

لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى، قىيمىلىق ۋە قەۋزىيەت پەيدا قىلىدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى