ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش.
ئۇ سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭىزنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن كېلىدۇ. كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە دۇچ كەلگەن ئاياللارغا نىسبەتەن، قەرەللىك ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟
چۈنكى ئۇ سىزنى نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاياللاردا كۆپ ھاللاردا ھەيز توختىغان مەزگىلدە مۇسكۇل سۈپىتى ناچارلىشىدۇ ھەمدە قورساق قىسمىدىكى ماي كۆپىيىدۇ، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

2. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ھەيز توختىغان مەزگىلدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەت بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى يېنىكلىتىشكە ياكى ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ سىزنى سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك راكلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.
نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟3. سۆڭەكنى كۈچەيتىدۇ.
ھەرىكەت ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىپ، سۆڭەك سۇنۇش ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

4. باشقا كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ.
ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتسە يۈرەك كېسىلى ۋە 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ، ھالبۇكى دائىم چېنىققاندا بۇ خەۋپلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

ئۇنداقتا، ھەرىكەت كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى بەدەن بەلگىلىرى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
چۈنكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سەمىرىپ كېتىش بەلكىم ھۆل ئىسسىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، گەرچە ھەرىكەت قىلىش ھۆل ئىسسىق ۋە ئۇيقۇ توسالغۇسىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولمىسىمۇ، ئەمما دائىم ھەرىكەت قىلىش سىزنىڭ ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاپ، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

كۆپ ساندىكى ساغلام ئاياللارغا نىسبەتەن، سىزنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت مۇۋاپىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى ياكى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 75 مىنۇت قاتتىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەڭ ياخشىسى بىر كۈنگە ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرىچە بىر ھەپتە ئىچىدىكى ھەر بىر كۈنگە بۆلۈنگەن بولۇشى كېرەك.
ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئارتۇقچە بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى چۈشۈرۈپ، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلايدۇ.
بولمىسا تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش ياكى سۇدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشنى سىناپ بېقىڭ. ئەگەر سىز ئىلگىرى ئاساسەن چېنىقمىغان بولسىڭىز، ھەر كۈنى 10 مىنۇتتىن باشلاپ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇڭ.

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىكنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم كۈچ مەشىقى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قەرەللىك كۈچ مەشىقى بەدىنىڭىزدىكى ياغنى ئازايتىپ، مۇسكۇللىرىڭىزنى كۈچەيتىپ، كالورىيەنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆيدۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟

دەسلەپتە باشلىغاندا گانتېل (哑铃)، قارشىلىق كۈچى بەلبېغى (阻力带) قاتارلىق يېتەرلىك ئېغىرلىق ياكى قارشىلىق كۈچى ھەركىتىنى تاللاپ، 12 قېتىمدىن تەكرارلاپ، مۇسكۇللىرىڭىزنى چېنىقتۇرسىڭىز بولىدۇ.
مۇسكۇلىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا ئەگىشىپ، قارشىلىق كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرالايسىز.
نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟سىز يەنە ئازراق كېرىلىش ھەرىكىتى قىلسىڭىز بولىدۇ.
سوزۇش جانلىقلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، ھەر قېتىم چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ سوزۇش ھەركىتى ئىشلەش كېرەك، چۈنكى مۇسكۇللار ئىسسىغاندا تېخىمۇ ئاسان سوزغىلى بولىدۇ.
كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز يەنە تۇراقلاشتۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەشىقى قىلىشىڭىز كېرەك.
تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەشىقى مۇقىملىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
مەشىق قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ناھايىتى ئاددىي، مەسىلەن: چىش چوتكىلىغاندا بىر پۇت بىلەن ئۆرە تۇرۇش، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى پايدىلىق.
نېمە ئۈچۈن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك؟كۈندە ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سىز رېئال، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشاننى بېكىتسىڭىز بولىدۇ، ھەمىشە ئەتە كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا قەسەم بەرمەڭ. سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز، پەقەت ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن 30 مىنۇت پىيادە مېڭىش شۇنداق ئاددىي.
مۇھىمى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش.
باشقىلار بىلەن، مەسىلەن: ھەمراھىڭىز، دوستىڭىز ياكى قوشنىڭىز بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلسىڭىزمۇ، سىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئاخىرىدا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
نۇرغۇن پائالىيەتلەر، مەسىلەن: ئۇسسۇل ۋە باغۋەنچىلىكمۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلايدۇ.
لېكىن سىز نېمىنى تاللىشىڭىزدىن قەتىينەزەر، ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىڭىز ھەمدە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى