ساغلاملىق

تۈتۈ مەددە قۇرت

بۇ بىرخىل ئۈچەي يولىدا پەيدا بولىدىغان مەددە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: تۈتۈ مەددىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىمۇ يۇقىرىغا ئوخشايدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ مەقئەت ئەتىراپىنى قاشلىشى، قولىنى يۇماي تاماق يېيىشى قاتارلىق شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ئادەتلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: تۈتۈ مەددە قۇرتىنىڭ ياشايدىغان جايى ئاساسەن كۈتەن ئۈچەيدە بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىردىن ئۇزۇنراق بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە قۇرتى چوڭ تەرەت بىلەن چىقىدۇ. تەرەت قىلمىغان چاغلاردىمۇ بالىنىڭ مەقىتى بەك قىچىشىپ كېسەل بالىنى ئازابلايدۇ. شۇڭا كېسەل بالا مەقئەت ئېغىزىنى قاشلاپ قىزارتىۋېتىدۇ. بالىنىڭ مەقئىتىنى يېرىپ قارايدىغان بولسا قىلدەك ئىنچىكە، ئاپئاق قۇرتلار بارلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ پىلدىرلاپ سىرتقا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاخشاملىرى بەزىدە ئۇيقۇ ئىچىدە بەكرەك بىئارام بولىدۇ. شۇڭا ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تولا قاشلانغان بولغاچقا مەقئەت ئەتراپى يارا بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزىدە تۈتۈ قۇرت قىز بالىلارنىڭ جىنسىي يولىغا كىرىپ كېتىپ، قاتتىق قىچىشتۇرىدۇ ياكى ياللۇغلاندۇرىدۇ. بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، كېچىسى چۆچۈش قاتارلىق بەلگىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: بالىنىڭ داۋاملىق قولىنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك، ئېغى بار ئىشتان كەيدۈرۈپ مەقئەتنى قاشلاشتىن ساقلىنىش لازىم. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش:

1-رېتسىپ: ئانار پوستىدىن 30 گرام ئېلىپ بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ بىر قېتىمدىلا ئىچىشنى ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرغاندا مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئەينۇلىدىن 10 دانە ئېلىپ بىر چىنە سۇدا قويۇقلاشقۇچە قاينىتىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئىچكۈزۈپ بەرسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

3-رېتسىپ: سۆگەت يىلتىزىدىن 30 گرام  ئېلىپ، بىر لىتىر سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ئازراق شېكەر قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

4-رېتسىپ: ئانار پوستىدىن توققۇز گرام ئېلىپ، يېرىم چىنە سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا ھۆقنە قىلىنسا مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

5-رېتسىپ: خام كاۋا ئۇرۇقىدىن 500 گرام ئېلىپ تالقان قىلىپ قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچكۈزۈپ بېرىلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

6-رېتسىپ: تۇرۇپتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ  قىرىپ تىرىپلىرىنى بالىنىڭ سوڭىنىڭ ئەتىراپىغا كۈندە بىر قېتىم قويۇشنى داۋام قىلغاندا تۈتۈ مەددە چۈشۈپ كېتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش: تۈتۈ مەددە شامچىسى (تەركىبى: قۇرۇق ئۈزۈم، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى ۋە تاتلىق قۇستىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ قائىدە بويىچە شامچە تەييارلىنىدۇ.) دىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ مەقئەتكە كىرگۈزۈلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى