ساغلاملىق

بالىلاردىكى كۆپ ئۇسساش

بۇ بالىلاردىكى ئۇسساش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى: بالىنىڭ مېڭىسىگە كۆيگەن سەپرانىڭ تەسىر قىلىشى، خىلىتلىق قۇرۇق ئىسسىق ۋە خىلىتلىق ھۆل ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەرگە قۇرۇقلۇق يېتىش، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن ئۇسساش كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: سەرسامدىن بولغىنىدا بالىنىڭ ئالدى مېڭىسى ئولتۇرۇشىدۇ، پېشانىسى ۋە ئىككى چېكىسىگە قىزىل مۇدۇرلار چىقىپ، كۆپ ئۇسساپ چىرايى سارغىيىدۇ. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش، جىددىي قىزىش، گال ۋە تامىقى قۇرۇپ تۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق ھەددىدىن زىيادە بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. جىگەر ئاجىزلىقى ۋە جىگەرگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغىنىدا ئىشتىھا تۆۋەنلەيدۇ، ئىككى مەڭزىگە قارا داغ پەيدا بولۇپ، ئۇسسۇزلۇق كۈچلۈك بولىدۇ. قىزىتمىدىن بولغىنىدا كالپۇكىنى قارا گەز باغلايدۇ، قىزىتما تۆۋەنلىسە ئۇسسۇزلۇقىمۇ پەسىيىدۇ. ئىچى سۈرۈشتىن بولغىنىدا تۇراقسىز قىزىش ياكى مۇزلاش، تېز ئورۇقلاش، ئۇسسۇزلۇق بارغانسېرى كۈچىيىش، بەزىدە سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش:

1-رېتسىپ: زۇكامدىن بولغىنىدا تەمرى ھىندىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇغا چىلاپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ. 

2-رېتسىپ: قىزىل گۈل بىلەن ئاقلەيلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇدا دەملەپ ئىچكۈزۈلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ. 

3-رېتسىپ: زىرىق، سېمىز ئوت ئورۇقى ۋە قىيمۇقۇ ئۇرۇقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ. ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

4-رېتسىپ: سەرسامدىن بولغىنىغا، خام قاپاق توغرالمىسى، يېڭى يۇمغاقسۈت سۈيى، يەرلىك شوخلا كۆكىنىڭ سۈيى ۋە سېمىز ئوت كۆكىنىڭ سۈيىدىن 15 مىللىلىتىردىن ئېلىپ 15 مىللىلىتىر گۈل يېغى ۋە سىركە قوشۇپ ئېزىپ، خېمىر قىلىپ بالىنىڭ بېشىغا چېپىپ بېرىلسە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلېكىنى پەسەيتىدۇ، بەدەن ۋە مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاشتا: سىركەنجىۋىل بۇزۇرى، سىركەنجىۋىل ئەفسەنتىن، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى