ساغلاملىق

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى

بۇ ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىرخىل كېسەللىك. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. قىز بالىلارغا قارىغاندا ئوغۇل بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى: بالىلار سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ئاساسەن بالىلار مىزاجىنىڭ سوغۇقتىن بۇزۇلىشىدىن ۋە بەلغەم خىلىتىنىڭ قويۇقلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزىدە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن جۈملىدىن ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ، كونىراپ، ئاستا خاراكتېرلىكىگە ئۆزگىرىشى ياكى قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: يوشۇرۇن دەۋردە بۆرەك ساھەسىدە يەڭگىل ئاغرىق بولىدۇ، تومۇرى سۇس ۋە ئاستا سالىدۇ. ئارقا تەرىتى ئاقۇش، سۈيدۈكى ئاق، قويۇق كېلىدۇ. كېسەللىك رەسمىي باشلانغاندا بىمارنىڭ قاپىقى ۋە يۈزلىرىگە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بۇ ئىششىق تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن بەدەنگە تارقايدۇ. ئىششىق ئەڭ دەسلەپ قاپاققا پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدۇ، ئىششىغان يەرنى قول بىلەن باسسا چوڭقۇر ئىز قالىدۇ، ئېغىرراقلىرىدا قورساق ۋە كۆكرەكلىرىگە سۇ يىغىلىدۇ. كېسەل بالا ھالسىرايدۇ، نەپسى سىقىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى ۋە يۈرەك قېپىغىمۇ سۇ يىغىلىدۇ. بەدەن ھارارىتى كۆپ ھاللاردا نورمال، چىرايلىرى تاتارغان، پۈتۈن بەدىنى ھالسىزلانغان ھالدا بولىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، سۈيدۈكى ئازىيىپ كېتىدۇ، بالا كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلايدۇ. لېكىن بەدىنىدە ئىششىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئورۇقلىغانلىقى سېزىلمەيدۇ، بەزىلىرىدە ئىششىق بەك قاتتىق ئەمەس، يەڭگىل دەرىجىدە بولۇپ، بەزىدە ئىششىقى يانىدۇ، لېكىن چىرايى سۇنۇق ۋە ئېسىلەڭگۈ بولىدۇ. سۈيدۈكى سۆسۈنگە مايىل سېرىق رەڭدە، قېتىم سانى كۆپ، لېكىن مىقدارى ئاز بولىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: ئىككى گرام رەۋەن ياكى ئىككى-ئۈچ گرام كەرەپشە ئۇرۇقى ياكى بىر-ئىككى گرام تاتلىق قۇستىنى ئېلىپ، قاينىتىپ، 10 گرام ھەسەللىك گۈلقەنت سېلىپ ئىككى-ئۈچ گرام مەستىكى سېلىپ ئىچكۈزۈلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ. سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.

2-رېتسىپ: ئىزخىر يىلتىزىدىن ئۈچ گرامدىن بەش گرامغىچە ياكى ئاق لەيلى ئۇرۇقىدىن ئىككى-ئۈچ گرام ئېلىپ قاينىتىپ شېكەر بىلەن تاتلىق قىلىپ ئىچكۈزۈلسە سۈيدۈك ھەيدەيدۇ. ماددىنى تارقىتىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

3-رېتسىپ: بابۇنە گۈلىدىن 15 گرام، سېرىق چېچەك ئۇرۇقى، زىغىر ۋە شومشا ئۇرۇقىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ بەدىيان كۆكىنىڭ سۈيى بىلەن ئېزىپ بۆرەك ساھەسىگە تېڭىلسا سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

4-رېتسىپ: ئىكلىمىلىك، كۆك سېرىق چېچەك ياپرىقى، كۆكتال ياپرىقى ۋە سوزاپ يوپۇرمىقى 30 گرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئۈستىدىن مەلۇم مىقداردا قۇستە يېغى ياكى بابۇنە يېغى قوشۇپ كېسەلنى سۇدا ئولتۇرغۇزغاندا ماددىنى تارقىتىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

5-رېتسىپ: كۆك كاۋا شاپىقى بىلەن خام كەتىرادىن 33 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

6-رېتسىپ: سۇمبۇلدىن بىر گرام، مۇرمەككىدىن ئىككى گرام، سېرىق مۇم ۋە ياسىمەن يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، مومنى ياغدا ئېرىتىپ قالغان دورىلارنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ بۆرەك ساھەسىگە تېڭىپ بېرىلسە ئىششىق ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ. 

7-رېتسىپ: قۇشقاچ تىلى ۋە كۇلى ئارچىسىدىن 66 گرامدىن، چۈچۈكبۇيىدىن ئۈچ گرام، چوڭ چىلاندىن تۆت دانە ئېلىپ ئېزىپ 1500 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ قاينىتىپ، 500 مىللىلىتىر قالغاندا تۆتكە بۆلۈپ، ئىككى كۈندە ئىچىپ بولۇشقا بېرىلسە بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەت قىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش زەرئۇنى، مادەتۇلھايات، قۇرسى بانادۇق قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گۆش، تۇخۇم، تۇز سېلىنغان تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى