ساغلاملىق

بالىلار دوۋساق تاش كېسىلى

بۇ بالىلار دوۋسىقىغا تاش پەيدا بولغانلىق سەۋەبىدىن سىيەلمەي قالىدىغان ياكى تەستە تامچىلاپ سىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، ھەرقانداق ياشتىكى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. 

1. خىلتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، بالىلارنىڭ بەدىنىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن سۈمۈرۈلۈشكە تېگىشلىك سۇيۇقلۇقلار شۈمۈرۈلمەي، چىقىرىشقا تېگىشلىك ماددىلار چىقىرىلماي قالغانلىقتىن خىلتلارنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشى ۋە تەركىبىنىڭ بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئوزۇقلىنىش ئادىتى: بۇ كېسەل داۋاملىق ئالىي دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن ياكى تەركىبىدە تۇز ۋە ھاك ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان، ئۆزى ھورۇنراق، ھەرىكىتى ئاز ۋە سۇس بالىلاردا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈيدۈكنى قىسىپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ سىيىشكە ئادەتلەنگەنلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. چۈنكى سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش سۈيدۈك تەركىبىدىكى تۇز ۋە ھاك ماددىلىرىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىدۇ. 

3. توسۇلۇش: بەزىدە بۆرەك ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ تەسىرى ياكى بەدەننىڭ بىرەر ئەزاسىدا يۈز بەرگەن ياللۇغلۇق قىزىتمىنىڭ تەسىرى بىلەن دوۋساق ياكى سۈيدۈك يوللىرىدا قان، يىرىڭ توختاپ قېلىپ بارا-بارا ئۇيۇپ قېتىپ تاشقا ئايلىنىدۇ.

4. ئانا سۈتى بۇزۇلۇش: بەزىدە سۈتى بۇزۇلغان ئاياللارنى ئەمگەن بالىلارنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇش بىلەن تەدرىجىي يۆتكېلىپ دوۋساققا چۈشىدۇ.

دېمەك يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈيدۈكلۈكتە ئۇششاق چۆكمىلەر پەيدا بولۇپ، بارا-بارا يىغىلىپ كۆپىيىدۇ ۋە چوڭىيدۇ. 

ئالامىتى: دوۋسۇن ئەتراپىدا بىردىنلا ئاغرىق پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى جىنسىي ئەزا ساھەسىگە يېتىپ بارىدۇ. سىيگەندە ئېچىشىدۇ، ئاسانلىقچە سىيەلمەيدۇ ياكى سۈيدۈك ئوبدان مېڭىۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قالىدۇ ياكى تامچىلاپ چىقىدۇ. بۇ سۈيدۈك يولىنى تاش توسۇۋالغان ۋاقىتتىكى ئالامەت  بولۇپ، ئاشۇ چاغدا ئاغرىق قاتتىق بولىدۇ. سىيىپ بولغاندىن كېيىنلا يەنە سىيگۈسى كېلىدۇ، تاش دوۋساق تۆشۈكىنى ياكى سۈيدۈك يولىنى توسۇۋالمىغان ۋاقىتلاردا ئانچە ئاغرىق بولمايدۇ، بەزىدە بالىلار سىيەلمەي ئازابلانغان چاغلاردا بىراقلا بىر يانغا ئاغدۇرۇلسا ياكى بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، تاش سۈيدۈك يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋالسا، بالا سىيەلمەي ئىنجىقلاپ چىڭقىلىش نەتىجىسىدە تاش سۈيدۈك يولىنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىشى مۇمكىن. 

بالا بەك كىچىك بولۇپ، ئكز مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمايدىغان بولسا كۆپىنچە سىيىۋاتقان بالا يىغلاپ،  زوڭ ئولتۇرۇۋېلىپ قوپقىلى ئۇنىمايدۇ، بەزىلىرى قولى بىلەن ئالدىنى مىجىيدۇ، بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ سىيگۈسى كەلسە جىنسىي ئەزاسى تىكلىنىپ قالىدۇ. سۈيدۈكنى قاچىغا ئېلىپ تۇرغۇزۇپ قويۇلسا ئاستىدا قان ياكى كۈلرەڭ چۆكمە پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە سۈيدۈكى ئاق، سۇيۇق كېلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ئاغرىق بالىنىڭ يېشى ۋە تاشنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ چارە قىلىش لازىم. كۆپىنچە ئاۋال تاشنى ئىزىدىغان دورىلارنى قاينىتىپ، ئىچكۈزۈپ ياكى يېگۈزۈپ ياكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ياسالمىلارنى سۈيدۈك يولىدىن دوۋساققا كىرگۈزۈش ئارقىلىق تاشنى ئىزىش ئارقىدىن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن تاشنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش چارىسى قوللىنىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: تۇرۇپ يۇپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ، سۈيىنى چىقىرىپ 30 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە تاشنى چۈشۈرىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە تاشنى ئېزىپ چىقىرىدۇ. 

3-رېتسىپ: ئاق لەيلىگۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

4-رېتسىپ: ياڭاق مېغىزى، ناۋات ۋە كۈنجۈت يېغىنىڭ ھەرقايسىسىدىن 132 گرامدىن ئېلىپ ياڭاق مېغىزىنى كۈنجۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بوتقا ھالەتكە كەلتۈرۈپ ھەركۈنى تۆت سائەتتە بىر قوشۇقتىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: مەجۈنى ھەجرۇل يەھۇد،  ئەرقى تۇرۇپ، ئەرقى كاسىنە، ئەرقى بەدىيان، مەجۈنى ئەقرەب، سوفۇپى ھەجرۇل يەھۇد قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۇيۇق تاماقلارنى ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ بېرىش، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش لازىم. كالا گۆشى، تۆگە گۆشى، كۆمەچ نان، قازان نېنى، ھوردا پىشقان تاماقلار ھەم كۈچلۈك قۇۋۋەتلىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى