ساغلاملىق

بالىلاردىكى قان ئازلىق

بۇ كىچىك بالىلارنىڭ بەدىنىدە قان مىقدارى ۋە قان تەركىبىنىڭ تولۇق بولماسلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار ۋە يەسلى يېشىدىكى بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى:

1. تاماقنىڭ سۈپەتسىز، ناچار بولۇشى، بالىلارنى ئۆز بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرماسلىق، ئوزۇقلاندۇرۇش ئادىتىنىڭ مۇۋاپىق بولالماسلىقى، بالىلار ئىزچىل ھالدا تويغۇدەك ئوزۇقلانماسلىق ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىرخىللا تاماق بىلەن ئوزۇقلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ بەدىنى قان ئىشلەشكە قاتنىشىدىغان ۋە قاننىڭ مۇھىم تەركىبى تەشكىل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشمەسلىك تۈپەيلىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ياخشى شۈمۈرۈلمەسلىكى، ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرۈش، تولغاق قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدىنىگە ئۆزلەشمەيلا چىقىپ كېتىشى، تۇغما خاراكتېرلىك ياكى كېيىن پەيدا بولغان ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ھەزىم قىلىش ئەزالىرى تارىيىپ قېلىش نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

3. جىگەر ۋە تال خىزمىتىنىڭ ياخشى بولالماسلىقى ۋە يەرقان قاتارلىق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن جىگەرنىڭ قۇۋۋەتلەرنى شۈمۈرۈش ۋە زاپاس ساقلىشىغا تەسىر يەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. 

4. ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان كېسەللىك مەسىلەن: قارا كېزىك، مەددە قۇرت كېسىلى، ئۈچەي كېزىكى، جۈدەتكۈچى قىزىتما قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا يۈز بېرىدىغان تەبىئىي قاناش، ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەردىن بولغان ھەرخىل قاناشلار نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان قان يۇقۇتۇشلارمۇ قان ئازلىققا سەۋەب بولىدۇ. 

6. بەزى بالىلارنىڭ چالا تۇغۇلۇشى، سۆڭەك يىلىكلىرىنىڭ تولمىغان بولۇشى، بەدىنىنىڭ ئۆسۈشى بەك تېز بولۇش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق سەۋەبىدىنمۇ قان ئازلىق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بۇ كېسەلنىڭ باشلىنىشى ئاستا بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا كېسەل بالىنىڭ ئالدى بىلەن ئىشتىھاسى كېمىيىدۇ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ، ئاسان چارچايدىغان، مىجەزى سۇس، جىمغۇر، تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. بەدىنىنىڭ ئۆسۈش تەرەققىياتى ئاستىلىشىپ قالغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تەدرىجىي ھالدا چىرايى تاتىرىدۇ، تېرىلىرى ئاقىرىدۇ، تىرناقلىرى، كۆز قاپاقلىرى، كالپۇكلىرى تاتىرىدۇ. بەزىلەرنىڭ چىرايى سارغىيىدۇ، پۇت-قوللىرىنىڭ گۆشلىرى بوشىشىپ كېتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ يۈزلىرى ۋە پۇتلىرى ئىششىپ قېلىش مۇمكىن. 

ئېغىرلاشقاندا يۈز تېخىمۇ تاتىرىدۇ. يۈرىكى قالايمىقان سالىدىغان، دېمى سىقىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يېشى چوڭراق بالىلارنىڭ بېشى قېيىش، ئاغرىش، قۇلىقى غۇڭۇلداش، مۇزلىغاندەك بولۇپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۆزى سېزەلەيدۇ. قان ئازلىق ئېغىرلاشقاندا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، كۆزى تورلىشىش، ئورنىدىن تۇرغاندا بېشى قېيىپ يېقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: قۇرۇق ئۈزۈمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ ئىچكۈزۈلسە قان كۆپەيتىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئاناردىن مۇۋاپىق مىقدردا ئېلىپ، سىقىپ، سۈيىنى كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئىچكۈزۈپ بەرگەندە قان كۆپەيتىدۇ. 

3-رېتسىپ: تۆمۈر ۋە پولاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قىزىتىپ سۇغۇرغان سۇغا قان تېپەر چىلاننى چىلاپ ئىچكۈزسە تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇدا ئېرىتىپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە قان كۆپەيتىدۇ. 

5-رېتسىپ: موردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، مورنى پىشۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا قان تولۇقلايدۇ. 

6-رېتسىپ: بېدە ۋە شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ داۋاملىق ئىستېمال قىلدۇرۇلسا قان كۆپەيتىدۇ. 

7-رېتسىپ: دۇفۇ ۋە تۇخۇم ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دۇفۇنى تۇخۇم ئېقى بىلەن قوشۇپ يېگۈزۈپ بېرىلسە قان كۆپەيتىدۇ.

8-رېتسىپ: توشقان گۆشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۈتتە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا قان كۆپەيتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: شەربىتى پەۋاكىھ، مادەتۇلھايات، ھالۋائى بەيزە، شەربىتى زەبىب قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى