ساغلاملىق

زەيتۇن يېغى 橄榄油

خەنزۇچە نامى:橄榄油

ئەرەپچە نامى: دۇھنۇززەيت

تونۇش: بۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئىگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدىغان، غولى تۈز دەرەخ بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى <زەيتۇن مېۋىسى> ئۇنىڭ مېغىزىدىن ئېلىنىدىغان ياغ <زەيتۇن يېغى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ئۇزۇق بولۇش، تېرىنىڭ قۇرغاق بولۇشىنى تۈگىتىش ۋە يۇمشىتىش، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشىنى ۋە قىچىشىشىنى توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، تېرە قۇرغاقلىشىش، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىرتقى تەرەپتىن مايلاش يولى بىلەن ھەزىم قىلىش كېسەللىرىگە ئىچكۈزۈش يولى بىلەن ئىشلىتىلىدۇ، ئىرقۇننىسا ۋە ئەزالارنىڭ ئاغرىقى ئۈچۈن شاراب بىلەن بېرىلىدۇ، قۇلۇنجى ۋە قورساق ئاغرىقى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ۋە قايناق سۇدىن 25 مىللىلىتىر ئىچىلسە، ئادەتلەنگگن قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ، باشنى ياغلىسا باش ئاغرىقى تۈگەيدۇ، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئورۇقلۇقلاردا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈلىدۇ، تاماق قىلىپ ياكى سەي قورۇپ يېسىمۇ بولىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 10 مىللىلىتىرغىچە

زىيانلىق تەسىرى: چىرىگەن يەرگە سۈركىسە قىچىشتۇرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، بىنەپشە شەربىتى

ئورۇنباسارى: بىلسان يېغى

چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى