ساغلاملىق

كۆكتات يىيىشتە بىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بۇرغۇن كىشى كۆكتات يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى ئادەملەر كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە سەل قارايدۇ. مەسىلەن: كۆكتاتلارنى بەك ئۇزۇن ساقلايدۇ، تەييارلىغان سەيلىرىنى شۇ ھامان يېمەيدۇ. بۇ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆكتاتلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى كۆكتات يېيىشتە بىلىشكە تېگىشلىك توققۇز چوڭ خاتالىق كۆرۈپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزىتىپ ئۆتەيلى:

كۆكتاتنى بەك ئۇزۇن ساقلىۋېلىش

ئىشلەيدىغانلار ھەمىشە ھەپتىدە بىر قېتىم زور مىقداردا كۆكتات سېتىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ سېتىۋېلىپ كەلگەن كۆكتاتلىرىنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېلىپ، ئاستا-ئاستا ساقلاپ يەيدۇ، بۇ گەرچە ۋاقىتنى تېجەپ، قولايلىق بىلىنسىمۇ، بىراق سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، كۆكتاتنى بىر كۈن ئۇزاق ساقلىسىڭىز، ئۇ چاغدا كۆكتاتنىڭ تەركىۋىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىسى زور مىقداردا تۆۋەنلەيدۇ، مەسىلەن: پالەك، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا (20 سېلسىيە گىرادۇستا) بىر كۈن قويۇپ ساقلىسا، ئۇ چاغدا بۇ كۆكتاتتىكى ۋىتامىن Cنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %84 گە يېتىدۇ. شۇڭا، ئامال بار كۆكتاتنى ساقلاش ۋاقتىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەڭ. ساقلاشقا تېگىشلىك بولغاندا، چوقۇم قۇرغاق، شامال ئۆتۈشىدىغان، كۈن نۇرىدىن ساقلاپ تۇرىدىغان جاينى تاللاپ ساقلاڭ.  

ۋىتامىن كۆپ بولغان قىسمىنى ئېلىۋېتىش

كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئادىتىگە ئايلانغان كۆكتاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسسۇلى، كۆكتاتنىڭ تەركىۋىدىكى ئۇزۇقلۇق مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: بەزىلەر ئۈندۈرمىنىڭ بىخىنى يىيىش ئۈچۈن، ئۈندۈرمىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۈندۈرمە پوستىنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنCمىقدارى ئۈندۈرمىدىن 2~3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە مەسىلەن: بەزىلەر تۈگۈر قىيمىسى قىلغان ۋاقىتتا، كۆكتاتنىڭ شىرنىسىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىدۇ، بۇنىڭدا كۆكتاتتىكى ۋىتامىننىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %70 دىن يۇقىرى بولىدۇ. توغرا ئۇسسۇل شۇكى، كۆكتاتنى توغراپ بولغاندىن كېيىن، ماي ئارىلاشتۇرۇڭ، يەنە تۇز ۋە تېتىتقۇ قوشۇپ قويۇڭ، بۇخىل ئۇسسۇل، تۈگۈر قىيمىسىنى بەك سۇلۇق قىلىۋەتمەيدۇ.

بوش ئوتتا قورۇما قورۇش

ۋىتامىن C، B1لارنىڭ ھەممىسى ئىسسىقلىقتىن قورقىدۇ. شۇڭا قورۇما قورۇغان ۋاقىتتا بوش ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، كۈچلۈك ئوت بىلەن قورۇش كېرەك. يەنە ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ قويۇڭ، بۇنداق قىلغاندا، ۋىتامىننىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا پايدىلىق.

يەنە بىر قىسىم كۆكتاتلارنى سوغۇق يېسە ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن: تەرخەمەك، پەمىدۇر قاتارلىقلار.

    4. قورۇمىنى ئۇياندىن تەييارلاپ، بۇياندىن يېمەسلىك

نۇرغۇن كىشىلەر قورۇمىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى قازانغا قويۇپ ياكى ئىسسىق ساقلايدىغان تۇڭنىڭ ئىچىگە قويۇپ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن يەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا زور مىقداردىكى ئۇزۇقلۇق ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، مىڭ جاپادا تەييارلىغان قورۇمىلىرىڭىز، ۋاقتىدا يېمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولىدۇ.

     5. قورۇمىنى يەپ سۈيىنى ئىچمەسلىك

قورۇما قورۇغاندا، كۆكتاتتىكى زور مىقداردىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى سۈينىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئىچمىسىڭىز بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولىدۇ.

     6. ئاۋۋال توغراپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن يۇيۇش

ئاشپۇزۇلدىكى ئۇستاملار ھەمىشە ئىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاۋۋال كۆكتاتلارنى توغراپ بولۇپ، ئاندىن يۇيىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بولسا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇخىل قىلمىشلارمۇ كۆكتاتنىڭ ۋىتامىن مىقدارىنى سۇ بىلەن بىللە ئېقىتىۋېتىپ،  زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

    7. قورۇغان قورۇمىنىلا يىيىشكە ئامراق بولۇش

نۇرغۇنلىغان ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر، گۆش بىلەن كۆكتات ئارىلاشتۇرۇپ يېسە، ماي ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆكتاتلارنىڭ ماينى ئاسانلار سۈمۈرىۋالىدۇ.

     8.گۆشسىز تاماق يەپ، گۆشلۈك تاماق يىمەيدۇ

گۆشسىز تاماقلارنى يەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، گەرچە ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق داۋاملىق گۆشسىز تاماق يېيىشكىمۇ بولمايدۇ: بىرىنجى، كىشىلەر ھەركۈنى چوقۇم گۆشتىن ئۆزىگە بەلگىلىك مىقداردا خولېستېرىن قۇبۇل قىلىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردىكى خولېستېرىن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئىككىنجى، پەقەت گۆشسىز تاماقنىلا يېسە، ئاقسىل ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش يوللىرىنى ئاسانلا ئىشىتىپ قويىدۇ. ئۈچۈنجى، ۋىتامىن B2نى قوبۇل قىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تۆتىنجى، كۆكتاتنىڭ تەركىۋىدە ئومۇميۈزلۈك سىنىك كەمچىل بولغانلىقتىن، شۇڭا گۆشسىز تاماق يېگەنلەردىمۇ ئېغىر دەرىجىدە سىنىك كەمچىل بولىدۇ. بۇنىڭدىكى بىرقەدەر ياخشى ئۇسسۇل بولسا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ماسلاشتۇرۇپ يېيىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، گۆشسىز تاماق يىگىلىمۇ بولىدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    9. كۆكتاتنى پاكىز يۇماي، خام يىيىش

نۆۋەتتە، كۆكتاتلارنىڭ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ھەرخىل دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە پارازىت باكتېرىيىلەرنىڭ قالدۇقلىرى بار. شۇڭا، كۆكتاتنى خام يىگەندە پاك-پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن يېيىش كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى