ساغلاملىق

قىچىنىڭ شىپالىق رولى

قىچا (油菜) قېنىق يېشىل رەڭدە، يۇپۇرمىقى بەسەينىڭكىگە ئوخشايدىغان، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش قىممىتى كۆكتاتلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ياغلىقدان زىرائىتى ۋە ھەسەل مەنبەسى زىرائىتى بولۇپ، ئۇنى قىچا تىپلىق، بەسەي تىپلىق، كاللەكبەسەي تىپلىق دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەكىبى ۋە رولى

قىچا تەركىبىدە ۋىتامىن C، كالىتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كۈزلۈك بەسەينىڭكىدىن بىر ھەسسىسىدىن ئارتۇق كۆپ.

قىچا تېرىنىڭ زىيادە مۈڭگۈزلىشىشىگە قارشى تۇرىدۇ، قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈش، قاننى تاقىتىپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار، ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدە چىراينى گۈزەللەشتۇرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە. ھامىلىدار ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن قان قېيىۋېلىپ قورساق ئاغرىش، تىلما كېسىلى، ئىششىقتىن ئاغرىش، چىيقان قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار قىچا (كۆكى) نى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق قوشۇمچە داۋالىسا بولىدۇ.

قىچا (كۆكى) كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى قىچا(كۆكى) نىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

قىچىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇنى ئاساسىي قورۇما قىلىشقىمۇ، قاينىتىپ، قورۇپ، دۈملەپ، تۇزغا چىلاپ، باشقا كۆكتاتلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىشتا بىر تەرەپتىن توغراپ، بىر تەرەپتىن قورۇش، كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا ھەم ئۇنىڭ يېڭى، چۈرۈك ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى ھەم ئوزۇقلۇقلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

يەپ ئېشىپ قالغان قىچا قورۇمىسىنى بىر كېچە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭدىن نىترىت كىسلاتا تۇزى پەيدا بولۇپ، ئاسانلا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاملىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللار پالىچىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار، قىچىشقاق، قولتۇق پۇراش كېسىلى بارلار قىچىنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى