ساغلاملىق

كۆك كاۋىنىڭ شىپالىق رولى

كۆك كاۋا (冬瓜) نىڭ شەكلى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق بولۇپ، تەكىيگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ يەنە تەكىيە كاۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كۆك كاۋىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى، ئۆستۈرۈش ئاسان، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ساقلاشقا، توشۇشقا چىداملىق بولغاچقا، كەڭ دائىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كۆك كاۋا تەركىبىدە ۋىتامىن C، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ھەر 100 گرام كۆك كاۋا ئېتى تەركىبىدە 19 مىللىگىرام كالىتسىي، 12 مىللىگىرام فوسفور، 0.3 مىللىگىرام تۆمۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. ھەر 100 گرام كۆك كاۋا ئېتىدە 16 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار بولۇپ، شوخلىنىڭكىنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. 

كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ ۋە ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالايدۇ، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، زەھەرنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈش، بەلغەملىك زىققە، غەلۋىرەك (قوڭىيوغان)، بوۋاسىز قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كۆك كاۋاىنىڭ ئورۇقلىتىش رولى بار. كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئاشقازاننى ئوزۇقلانشۇرۇپ، خىلىت پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى تۈگىتىدۇ، ئادەمنىڭ يېمەكلىك مىقدارىنى ئازايتىپ، بەدەندىكى كراخمال، شېكەرنىڭ ياغقا ئەمەس، بەلكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

كۆك كاۋىنىڭ ئېتىنى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ يۈزىنى يۇسا، يۇيۇنسا، تېرىنى ئاق، پارقىراق قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا كۆك كاۋىنىڭ مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈكەپ، يۈز تېرىسىنى نەمخۇش قىلىدىغان ئۇسۇل بار، بۇ ئۇسۇلنى سەپكۈننى داۋالاشتا قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.

كۆك كاۋا ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ ھەم ئۇنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كۆك كاۋا سەمرىپ كەتكەنلەر، ۋىتامىن C يېتىشمىگەنلەر، ھامىلدارلىقتىن ئىششىغانلار، بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلگەنلەر، جىگەر قېتىشىش، قورساققا سۇ يىغىلىش، بېرى بېرى، دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغانلىقتىن، ئۇزۇن مەزگىل كېسەل تارتىپ ساقايمىغانلار ۋە مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدىغانلار كۆك كاۋىنى ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىش لازىم.

كۆك كاۋىنى قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، لېكىن قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىۋاتقان مەزگىلدە كۆك كاۋا ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى